چىرايلىق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ شورپىنى ئىچىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 75572:ئادەم ئۆگەندى
   كۈز كىرگەندىن بۇيان ھاۋا بارغانسىرى سۇۋۇپ كىتىۋاتىدۇ. ھەريىلى بۇ پەسىلگە كەلگەندە، مەن خۇددى سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاققا ئوخشاش، پۇت-قوللىرىم مۇزلاپ ماغدۇر قالمايدۇ، سىزدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال بارمۇ؟
   بۇنداق ئەھۋالدا، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلايدىغان ھەمدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ چىراي گۈزەللەشتۈرىدىغان قارا توخۇ شورپىسى ئىچىپ بەدەنگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش زۈرۈردۇر.
   قارا توخۇ شورپىسىنىڭ جىگەر ۋە مۇئەننەسنى قۇۋۋەتلەش، قان تۇلۇقلاپ چىراي گۈزەللەشتۈرۈش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز ۋە كەم ماغدۇر، جىگەر-بۆرەك ئاجىز، ئاشقازان-ئۆت ھەزىم ئىقتىدارى ناچار كىشىلەرگە قارىتا، بەلگىلىك داۋالاش ھەم ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە.
كىتەرلىك ماتىريال
   قارا توخۇ گۆشى، چىلان، ئالقات، پىچەكگۈل
خۇرۇچ ماتىريالى
    زەنجىۋىل، تۇز، تېتىتقۇ ھارىقى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   قازانغا سۇ قۇيۇپ، قارا توخۇ گۆشىنى سېلىپ ئوتنى ياقىمىز؛ ئىككى قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى قوشۇپ قاينىتپ، ئۈچ مىنۇت قاينىغاندىن كىيىن توخۇ گۆشىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

-2-
   قازاننى قايتىدىن ئېسىپ، تەرتىپ بويىچە قارا توخۇ گۆشى، زەنجىۋىل پارچىسى، چىلان، توغرالغان پىچەكگۈل، ئالقات قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ 60مىنۇت قاينىتىمىز.
   ئاخىرىدا تۇز قۇيۇپ تەم تەڭشىسەك، قارا توخۇ قۇۋۋەت شورپىسى تەييار بولىدۇ.
   بۇ قۇۋۋەت شورپىسى، پىچەكگۈل، چىلان، ئالقات، قارا توخۇ قاتارلىق يىمەكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇقى ۋە پايدىلىق ئۈنۈملىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئېغىز خۇمارىڭىزنى بېسىپلا قالماي، تەن ساغلاملىققا زور پايدىسى بار، قولايلىق ۋاقىتتا سىناپ كۆرۈڭ!

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号