ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 51657:ئادەم ئۆگەندى
   ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىراق، ئەگەر تۇزسىز ھەم مايسىز تەمنى ئاساس قىلغان كۆكتات شورپىسى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسەك، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاپلا قالماي، يەنە ئىشتىھانى ئېچىشقىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
"ئۈچ دۇڭ" كۈتۈنۈش شورپىسى
كىتەرلىك ماتىريال
   كۆك كاۋا 300گىرام، قىشلىق موگو ۋە قىشلىق بامبۇك نوتىسىنىڭ ھەر بىرىدىن 100گىرامدىن، مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل، تۇز، تېتىتقۇ، يىمەكلىك مېيى قاتارلىقلار
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆك كاۋىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كىيىن ئۇزۇنراق قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ قىشلىق بامبۇك نوتىسىنى پاكىزە يۇيۇپ، تاشقى قېپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، قازانغا سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۋالغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويىمىز؛ قىشلىق موگونى بىردەم سۇغا چىلاپ قويغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلپ ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئۈستىگە قىشلىق موگۇ، قىشلىق بامبۇك نوتىسى، كۆك كاۋا قاتارلىقلارنى سېلىپ 10مىنۇت پىشۇرىمىز؛ ئاخىرىدا ئازراق تۇز ۋە تېتىتقۇ قوشۇپ تەم تەڭشىسەكلا بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى
    تەملىك، كۆڭۈلنى تۇتمايدۇ، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ.
موگو كۆك كاۋا شورپىسى
كىتەرلىك ماتىريال
   400گىرام كۆك كاۋا، موگو 100گىرام، خاسىڭ مېيى، غولپىياز چانالمىسى، تۇز، تېتىتقۇ، توخۇ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كۆك كاۋىنىڭ پوستىنى سويۇۋىتىپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن توغرىۋالىمىز؛ موگونى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن ئىلمان سۇغا چىلاپ قويىمىز.
   2. شورپا قازىنىغا ئازراق خاسىڭ مېيى قۇيۇپ قىزىتىپ، غولپىياز مايسىسى چانالمىسىنى تاشلاپ تەم چىقىرۋالىمىز؛ كەينىدى قازانغا سۇ قۇيىمىز ۋە موگونى سېلىپ قاينىتىمىز؛ قايناپ چىققاندىن كىيىن كۆك كاۋىنى سالىمىز، كۆك كاۋا پىشقاندىن كىيىن، تۇز، تېتىتىقۇ ۋە توخۇ مېيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ تەم تەڭشەپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى
   
شورپىسى سۈزۈك ھەم تەملىك چىقىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.
موگو دۇفۇ شورپىسى
كىتەرلىك ماتىريال
   200گىرام دۇفۇ، موگۇ 150گىرام، قىشلىق بامبۇك نوتىسى 50گىرام، تۇز، تېتىتقۇ، قارىمۇچ، توخۇ مېيى قاتارلىقلار
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. موگۇنى سۇغا چىلاپ قويغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىمىز؛ دۇفۇنى كىچىك تۆت بۇرجەك شەكىلدە توغرىغاندىن كىيىن قاينىغان سۇغا سېلىپ ئازراق قاتۇرۋىلىپ سۈزۈپ ئېلىپ قويىمىز؛ قىشلىق بامبۇك نوتىسىنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
   2. شورپا قازىنىغا سۇ قۇيۇپ قايناپ چىققاندىن كىيىن، قىشلىق بامبۇك نوتىسى، موگۇ، دۇفۇ، تۇز، تېتىتقۇ قاتارلىقلارنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئازراق قارىمۇچ ۋە توخۇ مېيى قوشۇۋىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىكى
    تەمى ياخشى، كۆڭۈلنى تۇتمايدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号