قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 49027:ئادەم ئۆگەندى
   مىنىڭ بىر نەۋرە ئاچام خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھەمىشە يىمەك-ئىچمىكى قالايمىقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇقلۇق جەھەتتىمۇ تەڭپۇڭ بولالماي قېلىپ، ئۇنىڭدا قان ئازلىق كىسىلى پەيدا قىلىپ قويدى. ئۇ ئادەتتە قارىماققىلا چىرايلىرى ئۆڭگەن، خۇددى بەدىنىدە ماغدۇر يوقتەك كۆرۈنەتتى. بۇنداق ئەھۋال، قوساق كۆتۈرگەندە تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ئادەتتە ئۆزىنى كۈتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم. بۈگۈن كۆپچىلىككە، قان ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان "بەش قىزىل" شورپىسى تۇنۇشتۇرىمىز. بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىريالىنىڭ ھەممىسىنىڭ قان ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، بىرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل شورپىنىڭ تەمىمۇ خېلىلا ياخشى بولۇپ، مەزىلىك شورپا ئىچكەچ، بەدىنىڭىزگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز. ئەگەر قان ئازلىق كىسىلى بار ئاياللار بۇ شورپىنى ئىچسە، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاپ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى بارغانسىرى قىزارتىدۇ. بۇ شورپىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ تەس ئەمەس، تۆۋەندە كۆپچىلىككە، بۇ شورپىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات، قىزىل شىكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
    بىرىنچى قەدەمدە، بارلىق ماتىرياللارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز. قىزىل پۇرچاقنى بولسا ئالدىنئالا بىر كىچە سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ قىزىل پوستلۇق پۇرچاقنى ئىككى سائەت بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ چىلان بىلەن ئالقاتنى يۇيۇپ پاكىزلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، ئالدى بىلەن قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ ۋە چىلاننى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛ قازان قاينىغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ھال ئوتقا تەڭشەپ، 40مىنۇ ئەتراپىدا قاينىتىمىز؛ قاينىتىپ قىزىل پۇرچاق يۇمشىغان، شورپىسى نىسبەتەن قويۇلغان ھالەتكە كەلگەندە، قىزىل شىكەر بىلەن ئالقاتنى سېلىپ يەنە بەش مىنۇ قايناتقاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   قانداق، تەييارلاش راستىنلا ئاددىيمىكەن؟ قان ئاز ئاياللار بۇ شورپىنى چوقۇم ئىچىپ سىناپ كۆرۈڭ!

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号