ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5689:ئادەم ئۆگەندى
   ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن تېخىمۇ كۆرنەرلىك بولىدۇ.
   ئانىسى ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرسە، بالىسى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولىدۇ
   ئانا ئەگەر چىرايلىق كىيىنىپ، ئۆزىنى نەپىس ياساپ يۈرسە، قارىماققا پاكىزە ھەم رەتلىك كۆرىنىدۇ، بالىمۇ ئانىسىدىن پەخىرلىنىدۇ. سىز بالىنى تېخى يېشى كىچىك ئويلاپ قالماڭ، ئۇلارنىڭ سەت-چىرايلىققا قارىتا ئىنىق تۇنۇشى بار. يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئانىسىنىڭ كۆينەك كىيىپ گىرىم قىلىپ يۈرۈشىنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، باشقا بالىلار ياكى مۇئەللىملەر ئانىسىنى ماختىغان ۋاقىتتا، ئۇلار كۆڭلىدە ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
   بالا كىچىك ۋاقىتتا، ئانا ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بالىنىڭ گۈزەللىككە قارىتا بىۋاستە سىزىمى بار بولۇشقا تۈرتكە بولۇشى ھەمدە ئوقۇش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلدىڭ دەپ، بالىنىڭمۇ ياسىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كىرەك. ئەگەر بالا كىچىكىدىنلا بىر خىل ياخشى ئادەت يىتىلدۈرسە، قانداق سورۇندا قانداق كىيىم كىيىش قاتارلىق ساۋاتلارنى ئىگىلەپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئاشىدۇ. كەلگۈسىدە بالا جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ خىزمەتكە قاتناشقاندىن كىيىن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بالىلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
   ئانا ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرسە، بالا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ھەم رەتلىك چوڭ بولىدۇ
   ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان ئانىلار، ئەسلىدىنلا رەتلىك ھەم ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان كىلىدۇ؛ بولمىغاندا، ئىزچىل تۈردە چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالىشى ناتايىن. ئەگەر ئانىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولسا، ئۇنداقتا بالىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
   ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلىش، ئۆزىنى لوڭقىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش دىگەنلىك ئەمەس؛ ئەكسىچە، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ياخشى تەرىپىنى نامايەن قىلىش، قارشى تەرەپكە قىلىنغان بىر خىل ھۆرمەتتۇر.
   ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن تەسىرى ھەرۋاقىت ئوبرازىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ۋە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بولسا، بالىمۇ ئانىسىنى دورايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى بالا ھەممىدىن ئاسان ئىسىدە تۇتىۋالىدىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭمۇ مۇنەۋۋەر تەرىپىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشىدىغان بولىدۇ. بالا بۇ خىل ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە رەتلىك بولۇشنى ئىزچىل تۈردە بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ.
   ئانا ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرسە، بالا نىمىنىڭ گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىدۇ
   ياسىنىپ يۈرۈش، قېنىق گىرىم قىلىپ ئويۇن قويىدىغانلاردەك يۈرۈش دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ يېشىغا ماس كىلىدىغان سۈپىتىنى نامايەن قىلىشتۇر. ئانىسى ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرسە، بالا كىچىكىدىن باشلاپلا گۈزەللىك تەربىيىسىگە ئىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى قانداق نامايەن قىلىشنى بىلەلەيدۇ ھەمدە گۈزەللىككە قارىتا بولغان تۇنۇشىمۇ باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، قالايمىقان نەرسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
   مىنىڭ بىر خىزمەتدېشىم، ئادەتتە كىيىنىشكە ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ، قىزى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقىتتىلا، ئۇ قىزىغا كىيىمنى قانداق ماسلاشتۇرۇپ كىيىش، ئاددى گىرىم قىلىش ھەققىدىكى ساۋاتلارنى ئۆگەتكەن. كىيىن ئۇ قىزىدىن مۇھەببەتلەشكەن ياكى مۇھەببەتلەشمىگەنلىكىنى سورىغاندا، قىزى جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن: "سىرتقى تۇرقى قاملاشقان ئادەم كۆپ، ئەمما روھى جەھەتتىنمۇ قاملاشقان ئادەمنى تاپماق تەس". ئادەم پەقەت ئۆزى گۈزەل نەرسىلەرنى كۆرۈپ باققان ۋاقىتتىلا، ئاندىن بەزىبىر چاكىنا نەرسىلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىماي، نىمىنىڭ ھەقىقى گۈزەللىك ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇشى، بالىنىڭ كىيىنكى لايىق تاللاش قارىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە قورسىقىڭىزنى قولىڭىزدا تاتىلىماڭ

ئايال كىشى ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە، نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللاردا ھەمىشە قورسىقى

بوۋاقنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق تۇغۇلۇشقا پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ھامىلدار ئايال سەۋزىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ھامىلدار ئايالنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە پايدىلىق تەسىر

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号