汤面كۇچا سۇيۇقئېشى (تاڭمەن)
خام ماتىريالى: ئۇن، گۆش، سوڭەك، دۈمبە ياغ، سۇڭپىياز، سامساق، شوخلا، پالەك، شولتا،(پىڭخۇي)
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز، خاجو، جاڭپىزا، قارىمۇچ، ئۇۋاق قىزىل لازا ، ئاچچقسۇ.
قازانغا سۇ قۇيۇپ قوينىڭ سوڭەكلىرىنى چېقىپ، بىرجىڭ ئەتىراپىدا پۇتۇن گۆشنى سۇغا سېلىپ قاينىغاندە كۇپۇكلىرىنى ئېلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ گۆشنى سۇزۋالىمىز،سوڭەك قانچە ئۇزۇن قاينىسا شۇنچە ياخشى . گۆش پىشۇرۇلۇپ يالپاغداپ توغراپ قويۇلىدۇ، شورپا قايناپ تۇرىدۇ.شوخلا،پالەك سامساق سۇڭپىيازنى ئۇششاق توغرايمىز.
دومبە ياغ ئۇششاق توغرۇلۇپ قازانغا ئازراق سۇ يېغى قۇيۇپ توغرالغان دۇمبە ياغنى سېلىپ كۆيدۇرۇپ چىگدەكلىرى سۇزۋېلىنىپ ياغقا توغرالغان سۇڭپىياز ، ئۇۋاق قىزىل لازا، سامساق سېلىپ بو ش ئوتتا قورۇپ بىر قاچىغا ئېلىپ سۇڭخازا تەييارلىۋالىمىز.
چۆپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا كۆپرەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئۇلگۇرتۇپ خېمىرغا شولتا(جەن ياكى پىڭخۇي)بىرىپ ئىشلەپ ئىككى قولىمىزغا ئېلىپ بىر ئوڭ بىر سول چۇرۇپ خېمىرنى تەڭشەيمىز.ئاندىن ئاشتاختا ئۇستىگە ئېلىپ تەكشى يۇمىلىتىپ ئۇستىگە ئۇن چېچىپ تارتىپ تەكرار تارتىش ئارقىلىلىق ئىنچىكىلىتىمىز .ھەر بىر قېتىم تەكرارلىغاندا ئۇن چېچىپ تۇرىمىز.تەكشى ئىنچىكە بولغاندا قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 2مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىپ سۇزۋېلىپ مۇزدەك سۇدا 3قېتىم چايقاپ سۇلىرىنى سارقىتىپ تەييارلاپ قۇيىمىز.
شورپىسىنى تەڭشەش:قازاندىكى سوڭەكلەرنى پاكىز سۇزىۋېتىپ ،تۇز ،جاپىزا، خاجو سېلىپ قاينىتىپ دەرمەكلەرنىڭ تەمىنى شورپىغا چىقىرىپ ئاندىن كىيىن شوخلا ،سامساق،شۇڭپىيازلار نى سېلىپ تۇز تەمىنى تېتىپ ،ئاندىن تەييارلاپ قۇيۇلغان سۇڭخازىدىن مۇۋاپىق سېلىپ ، ئازراق ئاچچىسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز.
تەييارلانغان چۆپنى چىنىگە يېرىم ئېلىپ ئۇستىگە نىپىز يالپاقلانغان گوش، پالەكنى سېلىپ تەييارلانغان شورپىدا قىزىتىپ ئاندىن مۇۋاپىق شورپا قۇيۇپ ئۇستىگە قارمۇچ سىپىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ .
ئەسكەرتىش :ئائىلىلەردە خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ چۆپ كىسىش ماشىنىسىدا ئىنچىكە كىسىپ يۇقىرقى ئۇسۇل بۇيىچە تەييارلىساقمۇ بۇلىدۇ.
ئالاھىدىلىكى: كۇچا سۇيۇقئېشى — شورپىسى يېڭى، سۈزۈك، مەززىلىك يەرلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋىي ئەتىگەنلىك تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، يوتازا ياكى كىچىك بولاق مانتا بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2011-سەمەتجان ئۇستام تەييارلىغان كۇچا تاڭمەن شىنجاڭنىڭ كۇندىلىك داڭلىق يىمەكلىكى بۇلۇپ باھالانغان
ئوخشىغان تاڭمەن تەييار بولدى