تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇتىدا ياخشى كۈتۈنمىگەن ئاياللاردا كۆرىنىدىغان ئۈچ ئەھۋالنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
تۇغۇتتىن كىيىن سەمىرىپ كىتىدۇ
   نۇرغۇن ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، سەۋەپسىزلا سەمىرىپ كىتىپ، ئۇرۇق بەدەن شەكلى ۋە چىرايلىق كىيىملىرى بىلەن خوشلىشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ، تۇغۇتىدا كۈتۈنۈش ياخشى بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە، ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 12-11كىلوگىرام ئەتراپىدا يۇقىرىلايدۇ؛ بۇ ئەھۋال، بەدەننىڭ تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى ئانا سۈتى ئاجرىلىش ئۈچۈن قىلغان ئىنىرگىيە توپلاش تەييارلىقى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تۇغۇتتىن كىيىنكى كۈتۈنۈشتە بولسا، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئادەتتە كۈندىلىك ئۇزۇقلانغانغا ئوخشاش ئۇزۇقلانسىلا، بەدەنگە يىتەرلىك ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ؛ شۇڭا، ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشنى باھانە قىلىپ، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشتىن ساقلىنىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق تۇغۇتتىن كىيىن سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.
چىرايى قېرىپ كىتىدۇ
   ئاياللار تۇغۇتىدا، زور ئىنىرگىيە سەرپ قىلىدۇ، شۇڭا بۇ سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ قېرىپ كىتىشىمۇ تىزلىشىپ كىتىدۇ؛ بىراق، ئەگەر تۇغۇتتىن كىيىن ياخشى كۈتۈنسە، بۇ خىل ئەھۋالنى ئەسلىگە ئەكىلىشكە بولىدۇ. شۇڭا، تۇغۇتىدا ياخشى كۈتۈنگەن ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىن چىرايى نۇرلىنىپ باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ؛ ئەكسىچە، ياخشى كۈتۈنەلمىگەن ئاياللار بولسا، چىرايى ئۆڭۈپ سارغىيىپ كىتىدۇ ھەمدە يۈز تىرىسى مايلىقلىشىپ، قېرى چىراي بولۇپ قالىدۇ.
بوغۇملىرى ۋە بەل قىسمى ئاغرىش
   تۇغۇتتىن كىيىن، ئايال كىشىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى نىسبەتەن ئاجىزلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا ئاسانلا زۇكامداپ قالىدۇ؛ بۇندىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا ھامىلدار ئايالنىڭ داس سۆڭىكى پۈتۈنلەي يېپىلىپ ئەسلىگە كىلىپ بولالمىغان بولغاچقا، ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ كىتىپ، بوغۇملىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە ئايال كىشى بالىسىنى كۆتۈرۈش بىلەنلا بولمىسا بالا ئىمىتىش بىلەن بولىدىغان بولغاچقا، بەل قىسىمى زىيادە چارچاپ، سىقىراپ ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىڭ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر ي

بۇ تۆت خىل كىيىم بالىلارنىڭ يەسلىدە كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ

بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانىلار ياسىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ؛ بىراق، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەمەس، بەلكى بالىسىنىڭ ياسىنىش

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号