كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 45150:ئادەم ئۆگەندى
    كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىلار ئوخشاشلا ياقتۇرۇپ يەيدۇ.
   گۆش تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىز ئادەتتە كۆپرەك ئىستىمال قىلىدىغىنى قوي گۆشى ۋە توخۇ گۆشىدۇر. كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى، گۆش تۈرلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، كالتسىي ۋە قان تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە. تۆۋەندە، كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى، ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
    كىتەرلىك ماتىريال: كالا گۆشى، يالىڭاچ سۇلۇ(油麦菜)، تۇخۇم، تۇز، جىياڭيۇ، تېتىتقۇ ھارىقى، قارىمۇچ، كىراخمال
    بىرىنچى قەدەمدە، كالا گۆشىنى سۇغۇق سۇغا بىردەم چىلاپ قويىمىز؛ بۇنىڭدا، كالا گۆشى يۈزىدىكى ئارىلاشما ماددىلار ۋە قانلارنى چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ. چىلاپ بولغاندىن كىيىن، كالا گۆشىنى سۈزۈپ قۇرۇتقاندىن كىيىن، ئۇنى ئۇششاق چاناپ قىيما قىلىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، چاناپ تەييارلىغان كالا گۆشىنى قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە تۇز، جىياڭيۇ، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇخۇم قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز. تۇخۇم قوشۇشتىكى مەقسەت، ئارىلاشما قىيمىنى بىر-بىرىگە چاپلاش قىلىش ۋە كومىلاچ قىلغاندا شەكىلگە كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ. تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، قولىمىزغا بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ پەلەي كىيىپ، قىيمىنى قولىمىزدا مۇجۇپ، مۇۋاپىق چوڭ-كىچىكلىكتىكى كومىلاچ قىلىپ تەييارلايمىز.
    كۆكسەينى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، بېغىچىدىن ئاجرىتىپ قويساقلا بولىدۇ، توغراش كەتمەيدۇ. بارلىق ماتىرياللارنى تەييارلاپ بولغاندىن كىيىن، قازاننى ئېسىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا سۇنى قاينىتىمىز؛ سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن، كالا گۆشى كومىلىچىنى قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز.
    كالا گۆشى كومىلىچى پىشىپ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا جىياڭيۇ قوشۇپ تەم تەڭشەپ ھەمدە ئازراق كۈنجۈت يېغى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن، يالىڭاچ سۇلۇنى سېلىپ بىللە قاينىتىمىز؛ پىشۇرۇش جەريانىدا ئازراق قارىمۇچ قوشۇۋەتسەك، تەييارلىغان گۆش كومىلىچى شورپىسىنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاخىرىدا يالىڭاچ سۇلۇ پىشقاندىن كىيىن، قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号