باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44386:ئادەم ئۆگەندى
 
موگو ۋە قارا قېرىنقولاق قوشۇلغان كەپتەر شورپىسى
   كىتەرلىك ماتىريال: كەپتەر، چىنگۇ موگوسى، قارا قېرىنقولاق
   تەييارلاش ئۇسۇلى: قازاننى قىزىتىپ ئازراق ماي قۇيۇپ، كەپتەرنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئازراق زەنجىۋىل قوشۇپ، كەپتەر گۆشىنىڭ يۈز قىسمى سارغايغىچىلىك داۋاملىق قورۇيمىز؛  قورۇپ ئالغان كەپتەر گۆشىنى توكلۇق دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، كەينىدىن ئالدىدا سۇغا چىلاپ تەييار قىلغان موگو بىلەن قارا قېرىنقولاقنى ۋە موگونى چىلىغان سۇنى قازانغا قۇيىمىز ھەمدە بىر قېتىمدا سۇنى يىتەرلىك دەرىجىدە قوشىمىز. قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
پىچەكگۈل قارا توخۇ شورپىسى
   كىتەرلىك ماتىريال: قارا توخۇ، پىچەكگۈل، قىزىل شىكەر
   تەييارلاش ئۇسۇلى: قازاننى قىزىتىپ ئازراق ماي قۇيۇپ، توغرالغان قارا توخۇ گۆشىنى سېلىپ، قارا توخۇ گۆشىنىڭ سۈيى قالمىغۇچە قورۇغاندىن كىيىن، توغرالغان زەنجىۋىل ۋە قارا شىكەر قوشۇپ داۋاملىق قورۇيمىز؛ قارا توخۇ گۆشى قورۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە توغرالغان پىچەكگۈلنى سالىمىز ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز؛ تۇۋاقنى يېپىپ يۇقىرى ئوتتا قاينىتىپ، قازاننىڭ يەل چىقىرىش ئېغىزى ئاۋاز چىقارغاندىن كىيىن كىچىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ يەنە ئون مىنۇت قاينىتىمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە قارىمۇچ قوشۇپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
شوخلا ۋە قوناق قوشۇلغان كالا گۆشى شورپىسى
   كىتەرلىك ماتىريال: كالا گۆشى، كۆممىقوناق، شوخلا
   تەييارلاش ئۇسۇلى: كالا گۆشىنى قازانغا سېلىپ سۇدا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، موزىلىرىنى ئېلىۋىتىپ كالا گۆشىنى سۆزۈپ ئالىمىز؛ كالا گۆشىنى توكلۇق دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئازراق زەنجىۋىل، قىسقىراق بەلدەنگەن كۆممىقوناق ۋە توغرالغان شوخلا قاتارلىقلارنى قوشۇپ، بىر قېتىمدىلا يىتەرلىك سۇ قۇيىمىز؛ تۇۋاقنى يېپىپ، قازاننىڭ شورپا قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن كالا گۆشى شورپىسى تەييار بولىدۇ؛ ئاخىرىدا ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号