شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 52658:ئادەم ئۆگەندى
   شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. شوخلا تۇخۇم شورپىسىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى نىسبەتەن ئاددى، كىتەرلىك ماتىريالمۇ كۆپ ئەمەس. شوخلا ئەسلىدىنلا ئاچچىق-چۈچۈمەل تەملىك ھەم شەربىتى كۆپ يىمەكلىك بولۇپ، شورپا قاينىتىشقا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، شوخلا بىلەن تۇخۇم، ئەڭ ماسلاشقان ھەمراھلار بولۇپ، مەيلى شورپا قاينىتايلى ياكى قورۇما قورۇيلى، ئوخشاشلا تەملىك چىقىدۇ. بۇ تائامنى تەييارلاش ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر تەييارلاپ كىتەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما تەييارلاش جەريانىدىكى بەزىبىر ئىنچىكە نوقتىلارغا دىققەت قىلمىغاندا، شورپا تەمى كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، شوخلا تۇخۇم شورپىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: شوخلا، موگو، تۇخۇم، ئىستىمال مېيى، غولپىياز مايسىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
   ئالدى بىلەن ئىككى تال شوخلىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، تەگ قىسمىنى قوشۇش شەكلىدە تىلىۋىتىمىز؛ قازانغا سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كىيىن شوخلىنى سېلىپ، بىر مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈپ ئالىمىز؛ شوخلىنى سۈزىۋالغاندىن كىيىن، سىرتقى پوستىنى سويىۋىتىمىز.
ئىككىنچى قەدەم
   شوخلىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كىين توغراپ تەييارلايمىز؛ غولپىياز مايسىسىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئۇششاق قىلىپ توغرايمىز؛ قازاننى ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيىمىز.
ئۈچىنچى قەدەم
   قازاندىكى ماي قىزىغاندىن كىيىن، توغراپ تەييارلىغان شوخلىنى سېلىپ قورۇيمىز؛ شوخلا تەركىبىدىكى شەربەتنى قورۇپ چىقارغاندىن كىيىن، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز.
تۆتىنچى قەدەم
   سۇنى قۇيغاندىن كىيىن ئوتنى چوڭراق ئېچىپ سۇنى قاينىتىمىز؛ سۇ قايناپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، موگونى يۇيۇپ پاكىزلاپ، قولىمىزدا تىتىپ تەييارلايمىز؛ قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كىيىن موگونى سالىمىز؛
بەشىنچى قەدەم
   پاكىزە قاچىدىن بىرنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، قوچۇپ تەييارلايمىز؛ قازاندىكى سۇ قايناپ موگو يۇمشىغاندىن كىيىن، قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قازاننىڭ گىرۋىكىنى بويلىتىپ قازانغا تۆكىمىز؛ بۇ ۋاقىتتا قازاننى قوچۇپ مالتىلاشقا ئالدىرماڭ، تۇخۇم قازاندا قېتىشىنى ساقلاڭ؛ كەينىدىن ئالدىدا توغراپ تەييار قىلغان غولپىياز مايسىسىنى قازانغا سالىمىز.
ئالتىنچى قەدەم
   ئۆزىڭىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن تۇزنى تەڭشىگەندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ قاچىغا ئۇسۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش
   شوخلا تۇخۇم شورپىسى تەييارلىغاندا، بەزى كىشىلەر رەت تەرتىپنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ، ئالدى بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ، كەينىدىن سۇ قوشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا. توغرا بولغان ئۇسۇل بولسا، ئالدى بىلەن شوخلىنى قورۇپ شەربىتىنى چىقىرۋالغاندىن كىيىن قازانغا سۇ قۇيۇپ، ئاخىرىدا قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قوشۇشتۇر؛ بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان شوخلا تۇخۇم شورپىسى چوقۇم تامغاقتا قالغۇدەك تەملىك چىقىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز مەن تۇنۇشتۇرغان ئۇسۇل بويىچە سىناپ بېقىڭ!

پالەك پىنتوزا شورپىسىنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول ھەم ساغلام

ياز تۈگەپ كۈز كۈنلىرىنىڭ يىتىپ كىلىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋامۇ تەدرىجى سۇغۇپ بارماقتا؛ بۇنداق ئەھۋالدا، يازنىڭ كۈنلىرى ئىچىش خوشياقمىغان شور

باش كۈزدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان قۇۋۋەت شورپىلىرى

قازاننىڭ توخۇ-ئۆردەك شورپىسى قاينىتىش كونوپكىسىنى بېسىپ تۇۋاقنى يېپىپ قويساق، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن ئازراق تۇز ۋە قارىمۇچ سېلىپ تەم تە

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى قان ۋە كالتسىي تولۇقلايدۇ

كالا گۆشى كومىلىچى شورپىسى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىمىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، چوڭلار ھەم بالىل

قان ئاز ئاياللار ئىچىشكە ماس كىلىدىغان ئاددىغىنا شورپا

بۇ يەردە ئېيتىلغان "بەش قىزىل"، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىري

ھازىرقى ياز كۈنىدە ئىچىشكە ماس كىلىدىغان شورپىلار

ياز كۈنلىرىدە ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يىگۈسى كەلمەيدۇ، ئادەتتە بىز ئىچىپ ئادەتلەنگەن شورپىلارنى تېخىمۇ كۆڭۈل تارتمايدۇ. بىرا

شوخلا تۇخۇم شورپىسىغىمۇ بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدىكەن ئەمەسمۇ!!!

شوخلا تۇخۇم شورپىسى، ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئاممىباپ تائام بولۇپ، شوخلا بىلەن تۇخۇمنى ماسلاشتۇرۇپ قاينىتىش ئارقىلىق تەييارل

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号