مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 147986:ئادەم ئۆگەندى

    مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىر قەۋەت تۈكچىلەر قاپلىغان بولۇپ، ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
    مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئەسلى تارقالغان يىرى، دۆلىتىمىزنىڭ خۇبىي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھىرى يىلىڭ رايونى ۋۇدۇخې بازىرى بولۇپ، ئادەتتە تەم جەھەتتە بانان، بۆلجۈرگەن، ئاناناس ئۈچ خىل مىۋىنىڭ بىرىكمىسى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  猕猴桃
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Actinidia
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جاپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—پارىئېتاللار ئەترىتى—چاي دەرىخى كەنجى ئەترىتى—مايمۇن شاپتۇلى ئائىلىسى—مايمۇن شاپتۇلى ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ۋىيتامىنلىق ماددىلار تەركىبى، ھەر 100گىرامدا 200-100 مىللىگىرامغا يىتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا 400 مىللىگىرامغا يىتىدۇ؛ مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ساخارىد تۈرى %14-8 ، كىسلاتا تۈرى %2-1.4 كىلىدىغان بولۇپ، تەركىبىدە يەنە تېروسىن قاتارلىق 12 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار. بۇلاردىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركبىدە يەنە، فولىن كىسلاتا، پانتوتېنىك كىسلاتا، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى، ئۈزۈم كىسلاتاسى، ئاقسىلنى سۇدا پارچىلىغۇچى ئىنىزىم، دەننىڭ مىۋە كىسلاتاسى ۋە مايمۇن شاپتۇلى ئىشقارى قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار ۋە كالتسىي، مىس، تۆمۈر، كالى، سېلىن، سىنىك قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنىتلار بار.
 
ئىستىمال قىممىتى
    مايمۇن شاپتۇلىنى قان بۇزۇلۇشنى داۋالايدىغان بىر خىل ئىچىملىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C، قان تەركىبىدىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، قان تۇمۇرلىرىنى كېڭەيتىش ۋە قان بېسىمنى چۈشۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى كۈچەيتىدۇ.
   مايمۇن شاپتۇلىنىڭ دىئابىتقا قارشى تۇرۇش يۇشۇرۇن كۈچى بار؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى خروم ماددىسىنىڭ ئايرىلىپ قالغان ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئۈنۈمى بار بولۇۇپ، دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قېنىدىكى قەنتنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
   يۇقىرقىلاردىن باشقا، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جىگەر كىسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش، قان ئازلىق كىسىلىنى، سۈيدۈك ئاجرىتىش سېستىمىسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر، نەپەسلىنىش سېستىمىسىدا كۆرۈلگەن كىسەللىكلەر، مىڭە كىسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号