بۆلجۈرگەن(草莓)
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 146542:ئادەم ئۆگەندى

   بۆلجۈرگەن، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، 40-10سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ. بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ. بۆلجۈرگەننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 草莓
لاتىنچە ئاتىلىشى: Fragaria ananassa Duch.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—بۆلجۈرگەن ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   بۆلجۈرگەننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، "مىۋە خانىشى" دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىيتامىن C، ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن E، ۋىيتامىن PP، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2، كاروتىن، تاننىك كىسلاتا، ئاسپارتىك كىسلاتاسى، مىس، پىكتىن، تالا ماددىسى، فولىن كىسلاتاسى، تۆمۈر، كالتسىي، ئېللاگىك كىسلاتا ۋە سېئانىدىن قاتارلىقلار بار.
   بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Cنىڭ مىقدارى، ئالما، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ 10-7 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ؛ تەركىبىدىكى ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ۋىيتامىن B1، ۋىيتامىن B2 ۋە كاروتىن، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ ئالما، نەشپۈت، ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلەرگە قارىغاندا 4-3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.
ساغلاملاشتۇرۇش رولى
   1. بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى مىقدارى بىرقەدەر بولغان كاروتىن ۋە ۋىيتامىن A قاتارلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر، كىچىسى كۆرەلمەسلىك كىسەللىكىنى ياخشىلايدىغان بولۇپ، ئېپتىلىيە توقۇلمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۆسۈپ-يىتىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق روللىرى بار.
   2. بۆلجۈرگەن تەركىبىدىكى تالا ماددىسىنىڭ مىقدارى مول بولۇپ، بۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاشقازان-ئۈچەيدىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ ۋە بۇۋاسىر، ئۈچەي راكى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号