ئاپلىسىن(橘子)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 146894:ئادەم ئۆگەندى

    ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن ياۋرۇ-ئامىرىكا ئەللىرىگە تارقالغان. ئاپلىسىن چۈچۈمەل تەملىك بولۇپ، ئۇنىڭ پوستىنى دورىغا قوشۇشقا بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  橘子
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Citrus reticilata
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: Mandarin Orange
تارقالغان رايونلىرى: خۇبېي، فۇجىيەن، جېجىياڭ، جىياڭشى، خۇنەن، سىچۈەن، گۇاڭشى ئۆلكىلىرى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام ئاپلىسىن تەركىبىدە، 176 كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە، 88.2 گىرام سۇ، 0.8 گىرام ئاقسىل، 0.4 گىرام ياغ، 1.4 گىرام يىمەكلىك تالا ماددىسى، 8.9 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.5 مىللىگىرام كاروتىن، 0.05 مىللىگىرام تىئامىن، 0.04 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 19 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.45 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 177 مىللىگىرام كالىي، 1.3 مىللىگىرام ناترىي، 19 مىللىگىرام كالتسىي، 16 مىللىگىرام ماگنىي، 0.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.05 مىللىگىرام مانگان، 0.1 مىللىگىرام سىنىك، 0.07 مىللىگىرام مىس، 18 مىللىگىرام فوسفور بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. ئاپلىسىن تەركىبىدە مول مىقداردا ۋىيتامىن C ۋە لىمون كىسلاتاسى بار بولۇپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش رولى بار.
    2. ئاپلىسىننىڭ ئىچىدىكى نىپىز پوستىدا يىمەكلىك تالا ماددىسى ۋە مىۋە كىسلاتاسى بار بولۇپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار.
    3. ئاپلىسىننىڭ قىل قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەكتىكى تاجىسىمان ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى ۋە ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   4. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، يىڭى ئاپلىسىن شەربىتى تەركىبىدە بىر خىل راكقا قارشى ئاكتىپچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل ماددا بار بولۇپ، ئۇ راك پەيدا قىلىدىغان خېمىيىلىك ماددىلارنى پارچىلاپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇش ھەمدە راڭ پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ھۈجەيرە يادروسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى توسۇپ، گېننىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئۈنىمىگە ئىگە ئىكەن.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号