ياڭاق ۋە سالامەتلىك
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 127311:ئادەم ئۆگەندى

                              ياڭاق ۋە سالامەتلىك

تەبىيتى :قۇرۇق ئىسسىق

 ياڭاق تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشىلتىلىدۇ.

1.يۇقىرى قان بېسىمى:تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى،قاندا ماي مىقتارى ئېشىپ كىتىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى 10% تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.چۈنكى ياڭاق تەركىبىدىكى مول تويۇنمىغان ياغ كېسلاتالىرى خولىستىرىننى ھەيدەش رولىغا ئىگە بولغاندىن باشقا،ياڭاق تەركىبىدىكى سىنىكنىڭ قان پەيدا قىلىش رولى بار.ياڭاق تەركىبىدىكى خرومنىڭ قاندىكى قەنت ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش،خولىستىرىننى ھەيدەش ۋە ماگىنىي بىلەن بىللە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىش رولى بار.ئۇنىڭدىن باشقا ياڭاق تەركىبىدە مول ۋىتامىن B6 بار بولۇپ،ئۇ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى يېڭىلاش ۋە يۈرەك نېرۋىلىرىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە؛ياڭاق تەركىبىدىكى يوپۇرماق كېسلاتاسى يۈرەكنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

2.مىڭە ۋە باھ ئاجىزلىقى

ياڭاق مەشھۇر مىڭە ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش ئوزۇقلۇقى بولۇپ،دائىم يەپ بېرىلسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ،باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.ئادەمنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئوزۇق بولىدىغان فوسفورلۇق ياغقا ئىنايىن ئېھتىياجلىق،ياڭاق تەركىبىدە فوسفۇرلۇق ياغ ئىنتايىن مول.ياڭاق تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كېسلاتا چوڭ مىڭە قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ،قان تومۇرلارنى ئەۋرىشىم قىلىدۇ،نېرۋا خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.ياڭاق تەركىبىدىكى ھەرخىل ياغ كېسلاتالىرى ھەرقانداق يىمەكلىكنىڭكىدىنمۇ كۆپ.ئۇنىڭدىن باشقا،ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،ياڭاق تەركىبىدىكى يوپۇرماق قىزىل ماددىسىنىڭ چىشلارنى چىڭىتىش رولى بار ئىكەن.دىمەك ياڭاق تەننى ساغلاملاشتۇرۇپ،مىڭە ۋە باھنى قۇۋۋەتلەپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش،قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە ناھايتى پايدىلىق يىمەكلىك.

3 .نەپەس سېستىمىسى كېسەللىكلىرى

ياڭاقنىڭ يۆتەل توختىتىش،زىققىنى داۋالاش رولى بار بولۇپ،ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتىرلىق زىققىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

4.سۈيدۈك ئاجىرىتىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى

ياڭاق مېغىزىنى خام يەپ بەرگەندە سۈيدۈك ئاجىرىتىش سېستىمىسىدىكى تاشلارنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ.

5.ھەر خىل ئۆسمىلەر

 ياڭاق تەركىبىدە ناھايتى سۈپەتلىك 16% ئاقسىل بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 18 خىل ئامىنو كېسلاتاسى بار.ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان بىر خىل ئامىنو كېسلاتاسى بار بولۇپ،ئۇ ئۆسمىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ،راكقا قارىشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى چەكلەيدۇ؛ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى كاروتىن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،راك پەيدا قىلىدىغان خېمىيىۋى ماددىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى چەكلەيدۇ؛ياڭاق مېغىزىدا يەنە ماگىنىي ئېلمىنىتى بار بولۇپ،ئۇ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلايدۇ.ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ياڭاقنىڭ يەنە راكنى داۋالاش رولىمۇ بار بولۇپ،ئاساسلىق يۇتقۇنچاق راكى،ئاشقازان راكى،ئاشقازان كىرىش ئېغىزى راكى،ئۆپكە راكى،تۇخۇمدان راكى،بالىياتقۇ بوينى راكى،قالقانسىمان بەز راكى،تېرە راقى قاتارلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى روشەن ھالدا يەڭگىللىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،يەنە ئۆسمىنى   قىسمەن چەكلەش،قان زەردابىدىكى تىرانسئامىنازنى تۆۋەنلىتىپ،ئاق قان ھۈجەيرىلىرىۋە قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

6.قەۋزىيەت

 ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى مول تويۇنمىغان ياغلار ئۈچەينى سىلىقلاپ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا،ياشانغانلاردىكى ماغدۇرسىزلىق ۋە قەۋزىيەتكە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

7.چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ،چاچ ئۆستۈرۈش

 ئاق ئاقسىلنى كۈچەيتىپ،خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ؛ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى مىكرو ئېلمىنىتلار مىڭە پوستىلاق قەۋىتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ،ئۇلار ئادەم تىنىدىكى يۈز خىلدىن ئارتۇق مۇھىم ئېنىزىملارنىڭ بىرىكىشى ۋە نورمال ھەرىكىتىدەمۇھىم رول ئوينايدۇ؛ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ھۈجەيرىلەرنى ياشارتىپ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.

 ياڭاق تەركىبىدىكى مول فوسفورلۇق ياغلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ،ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ،تېرىنى يۇمىران ۋە سىلىق قىلىدۇ.يارا-جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،چاچ-ساقالنى ئۆستۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.

ياڭاق بىلەن كېسەل داۋالاش ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

 

 

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号