مانگو(芒果)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 148023:ئادەم ئۆگەندى

   مانگو، ئەسلى ھىندىستاندىن تارقالغان، تىروپىك بەلباغدا ئۆسۈدىغان بىر خىل مىۋە؛ مانگو سېرىق ياكى سۇ سېرىق رەڭلىك، يۇمىلاققا مايىل كۇنۇس شەكىللىك كىلىدۇ، ئۈكچىسى قاتتىق بولىدۇ. مانگونىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن A نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، باشقا مىۋە تۈرلىرىدە ئاز ئۇچرايدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 芒果
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Mangifera indica L.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى—ۋۇخۇەنزى ئەترىتى—سىر دەرىخى كەنجى ئەترىتى—سىر دەرىخى ئائىلىسى—مانگو ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    مانگونىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گىرام مانگو تەركىبىدە 57 كالورى ئىنىرگىيە بار؛ مانگونىڭ ۋىيتامىن A تەركىبى %3.8 كە يىتىدۇ؛ ۋىيتامىن C نىڭ مىقدارىمۇ ئاپلىسىن، بۆلجۈرگەن قاتارلىقلاردىن ئېشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەر 100 گىرام مانگو تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 189 مىللىگرامغا يىتىدۇ. مانگونىڭ قەنت تەركىبى 16-14 پىرسەنتكە، ئاقسىل تەركىبى 24.8-14 پىرسەنتكە، كاروتىن مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 6304 مىكرو گىرامغا يىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان مىنرالنى ئىلمىنتلاردىن سېلىن، كالتسىي، فوسفور، كالى، تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ بىرقەدەر مول.
ئىستىمال قىممىتى
    1. مانگونىڭ ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنى تازىلاش رولى بار بولۇپ، ماشىنىدا ۋە پاراخوتتا بېشى قايىدىغانلارغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل ئاينىشنى توسۇش ئۈنۈمى بار.
    2. مانگو تەركىبىدە ۋىيتامىن Aنىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
    3. مانگو تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ۋىيتامىنلىق ماددىلار بولغانلىقتىن، ھەمىشە مانگو يەپ بەرگەندە، تىرىنى قۇۋۋەتلەپ گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
    4. مانگو تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C ۋە مىنرالنى ئىلمىنىتلارنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىدىن باشقا يەنە، ئارتىرىيە قېتىشىش ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى ياخشىلاش رولى بار.
    5. مانگو تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تالا ماددىسى بار بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشتا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق رولى بار.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号