بانان(香蕉)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 139679:ئادەم ئۆگەندى

     بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا كەڭ تېرىلىدۇ ھەم ئىستىمال قىلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  香蕉
لاتىنچە ئاتىلىشى: Musa nana Lour.
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  Banana
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—بانان ئەترىتى—بانان ئائىلىسى—بانان ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام بانان تەركىبىدە 91 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 20 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.2 گىرام ئاقسىل، 0.6 گىرام ياغ، ئاز دىگەندىمۇ 15 گىرام قەنت، 0.3 گىرام كىسلاتا، 53 مىللىگىرام فوسفور، 19 مىللىگىرام كالتسىي، 400مىللىگىرام كالىي، 24 مىللىگىرام ۋىيتامىن C قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە بەلگىلىك مىقداردا ۋىيتامىن A، پىكتىن، كۆپ خىل ئىنىزىم تىپىدىكى ماددىلار ۋە باشقا مىكرو ئىلمىنتلار بار.
ئىستىمال قىممىتى
     1. بانان تەركىبىدە مول بولغان كالىي ۋە ماگنىي بار بولۇپ، كالىي قان بېسىمنىڭ ئېشىپ كىتىشى ۋە مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىشنىڭى ئالدىنى ئالىدۇ؛ ماگنىي بولسا ھارغىنلىقنى تۈگىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
     2. بانان تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Aنىڭ بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار بولۇپ، كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال ساقلاشقا پايدىلىق.
    3. بانان تەركىبىدىكى تىئامىن بىلەن رىبوفلاۋىننىڭ پۇت پۇراش كىسىلىگە قارشى تۇرۇش، ئىشتىھانى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىش، نىرۋا سېستىمىسىنى قوغداش، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق رولى بار.
    4. باناننىڭ كىراخماللىق تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، تەبىئىتى سۇغۇق كىلىدۇ؛ بانان ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
    5. كۈنلۈك ئۈچ ۋاخ تاماقتا، ھەر ۋاختا بىر تال بانان يەپ بەرگەندە، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زور مىقداردا كالىي ماددىسى تولۇقلاپ بىرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چوڭ مىڭىدە قان ئۇيۇشۇش ئىھتىماللىقىنى %21 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
    6. گىرمانىيىلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بانان چوڭ مىڭىنىڭ ئىچكى ئاخراتمىلىق خېمىيىلىك ماددا ئاجرىتىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان بولغاچقا، بۇ ئارقىلىق خامۇشلىشىش ۋە كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇشنى داۋالاشقا بولىدىكەن.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号