مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
    ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇچرىشىش ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇچرىشىش ئورنىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز ياخشى كۆرگەن ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇ چوقۇم سىلەر ئۇچرىشىدىغان سورۇن ۋە مۇھىتنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاللايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەركىشىنىڭ ئۇچرىشىشقا تاللىغان ئورنىدىن، ئۇنىڭ سىزگە باشقىچە نىيىتى بار يوقلۇقىنى بىلىشكە بولىدۇ. سىز بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىشنىلا ئويلايدىغان، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەركىشى، سىزنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل جايغا ئۇچرىشىشقا چاقىرىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرراق ئۈمىدىڭىزنى ئۈزگىنىڭىز ياخشى.
كىچىلىك بەزمىخانىلارغا ئۇچرىشىشقا چاقىرىدۇ
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، كىچىلىك بەزمىخانا، نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان سورۇنى؛ ئەگەر بىر ئەركىشى ئېغىزىدا ھەدىسىلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىسە، ئەمما سىز بىلەن ئۇچرىشىدىغان جاينى كىچىلىك بەزمىخانىدا تاللىسا، ئۇنداقتا كۆپىنچە ئۇنىڭ كۆڭلىدە سىز يوق. ئۇنىڭ سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۆتىشى، پەقەت كۆڭۈل خوشى قىلىش ئۈچۈنلا بولغان بولىدۇ، سىز ئۇنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقىڭىز كىرەك. بىز ھەممىمىز بىلىمىز، كىچىلىك بەزمىخانىغا ھەرخىل ئادەملەر كىلىدۇ، ئەگەر بىر ئەكىشى سىزنى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا بۇ يەرنى تاللىغان بولسا، ئۇ سىزنى ئويلاشماي، پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشنىلا ئويلاشقان، سىزنىڭ قانداق قارىشىڭىزنى ئەسلا خىيالىغىمۇ ئەكىلىپ قويمىغان بولىدۇ.
ئۆيىگە باشلايدۇ
    ئەگەر ئىككەيلەن ئەمدى مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان ۋاقىتتىلا، ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن سىزنى ئۆيىگە باشلىسا، ئۇنداقتا، ئۇ سىزنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ، ئۇچۇقراقىنى ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت سىزنىڭ جىسمىڭىزنىلا كۆزلىگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنى راستىنلا ياخشى كۆرسە، سىزنىڭ ھىسياتىڭىزنى ئويلىشىپ، سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشنى قىلىشقا زورلىمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى مۇھەببەتمۇ تەبىئى ھالدا تەرەققى قىلىشى، ئەركىشى ئۆزى بىتەرەپلىمە ھالدا ھىسياتنى ئىلگىرى سۈرىمەن دەپ يامان نىيەتتە بولماسلىقى كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەركىشى ئەگەر سىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىزنى ئۆيىگە باشلىسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرمەسلىكى ئىنىق، سىز ئەڭ ياخشىسى ئالدام خالتىغا چۈشمەڭ.
بەك كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، سىزنى بىللە ئايلىنىپ كىلەيلى دەپ چاقىرىدۇ
    مۇھەببەت جەريانىدا، ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشتا، قارشى تەرەپنىڭ ھىسياتىنى ئويلىشىپ ئىش كۆرۈش كىرەك؛ پەقەت مۇشۇنداق قىلالىغان مۇھەببەتلا، ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەت بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر ئەركىشى باشتىن ئاخىرى ئۆزىنىلا ئويلاشسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ سىزنىڭ ھەقىقى ياخشى كۆرىشى ئاساسى جەھەتتىن مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقىت ناھايىتى كەچ بولۇپ كەتسىمۇ، سىز بىلەن ھىسيات ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ سىزنى ئۇچرىشىشقا چاقىرسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ نىيىتى چوقۇم دۇرۇس ئەمەس. بۇنىڭغا ئوخشاش سىزنىڭ ھىسياتىڭىزنى ۋە بىخەتەرلىكىڭىزنى ئويلاشمايدىغان، پەقەت ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىلا ئويلىشىدىغان ئەركىشى، شۈبھىسىزكى شەخسىيەتچى كىلىدۇ، بۇنداق ئەركىشىنىڭ سىزگە ھەقىقى مۇھەببەت بېغىشلىشىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئەگەر سىز بىلمەي بۇنداق ئەركىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولىسڭىز، ئۇنداقتا ۋاقتىدا كۆڭلىڭىزنى ئۈزۈشىڭىز كىرەك.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号