بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان "پىياز قوشۇپ تەملەشتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاق"، باكتىرىيە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۈچەينى تازىلاش رولىمۇ بار. قارا قېرىنقولاقنىڭ ئەزەلدىنلا "ئۈچەي يوللىرىنى تازىلىغۇچى" دېگەن نامى بار، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بۇلۇش بىلەن بىرگە، يەنە بىر خىل ئالاھىدە يىلىم ماددىسى بار بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى بار. پىياز بولسا، كىشىلەر تەرىپىدىن "كۆكتاتلار خانىشى" دېگەن نام بىرىلگەن؛ ئۇنىڭ باكتېرىيە ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە تالا ماددىلىرىمۇ مول، شۇڭا ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىغىمۇ بەلگىلىك پايدىلىق رول ئوينايدۇ.

بۇ ئىككى خىل يېمەكلىكنى ماسلاشتۇرۇپ دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەنگە قارىتا چوڭ تازىلاش ئېلىپ بارغانغا باراۋەر بولۇپ، ئۇدا ئون نەچچە كۈن يەپ بەرسىڭىز ۋە مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ بەرسىڭىز، ئۈچەي يوللىرىڭىزدىكى ئەخلەتلەر تازىلىنىپ قورسىقىڭىز كىچىكلەيدۇ. تۆۋەندە، بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىياز قوشۇپ تەملەشتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاق تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: پىياز، قارا قېرىنقولاق، يۇمغاقسۈت، سامساق، قاقمۇچ، تۇز، ئىستېمال مېيى، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، توخۇ تەم جەۋھىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاقنى پاكىزلىغاندىن كېيىن، سۈيىنى سارقىتىپ تەييارلايمىز.
پىيازنى ئاقلاپ يۇغاندىن كېيىن، ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز؛ قاقمۇچنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن بىر قوشۇق تۇز قوشۇپ، قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇغا چىلاپ سۇۋۇتىمىز.
قارا قېرىننقولاقنىڭ سۈيىنى ساقىتىۋەتكەندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە سامساق چانالمىسى، پىياز ۋە قاقمۇچلارنى قوشىمىز.كەينىدىن قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، قىزىغان ماينى قارا قېرىنقولاقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ، سامساق بىلەن قاقمۇچنىڭ تەمىنى چىقىرىمىز.
ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، توخۇ تەم جەۋھىرى، يۇمغاقسۈت قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش
1. قارا قېرىنقولاقنى چوقۇم سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۋىلىش كېرەك.
2. ئەگەر پىيازنىڭ ئاچچىق تەمىنى ياقتۇرمىسىڭىز، ئۇنى ئالدىنئالا سۇغا نەچچە مىنۇت چىلاپ قويسىڭىز، ئاچچىق تەمى يوقايدۇ.