ماڭا گۆش تەڭلىمەڭ، مەن ھازىر بۇ سۇغۇق سەيدىن باشقىنى يىمەيمەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 42794:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان، ئاق تۇرۇپتىن تەييارلانغان سۇغۇق سەي ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە تاماققا قوشۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ؛ نۇرغۇن رېستورانلاردا ئالقىشقا ئىرىشكەن سۇغۇق سەي ھىسابلىنىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    ئاق تۇرۇپ، قاقمۇچ، سامساق
كىتەرلىك خۇرۇچلار
    ئاچچىقسۇ، لاۋچوڭ جىياڭيۇسى، تۇز، ناۋات، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    ئاق تۇرۇپنى پستىنى سويۇپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، بىر سانتىمىتىر كەڭلىكتە قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
    توغراپ تەييار قىلغان تۇرۇپ قەلەمچىسىنىڭ ئۈستىگە 15گىرام تۇز قوشۇپ، 30 مىنۇت ئەتراپىدا تۇزلاپ تۇرۇپنىڭ سۈيىنى چىقىرىمىز ھەمدە چىقارغان تۇرۇپ سۈيىنى تۆكىۋىتىمىز.
    كەينىدىن يەنە 15گىرام ئاق شىكەر قوشۇپ، يەنە 30مىنۇت قويۇپ، يەنە بىر قېتىم سۈيىنى چىقىرىمىز.

Step 2
    ئاق تۇرۇپنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ بولغۇچە بولغان ئارلىقتا قىيام تەييار قىلىشقا تۇتىشىمىز؛ قازانغا 10تال گۈلە، ئىككى چىش سامساق، ئۈچ تال قاقمۇچ، 30گىرام ناۋات، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيىمىز.
    كەيندىن ئۈستىگە بىر ئسىتاكان سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كىيىن قويۇپ قويىمىز.

Step 3
    تەييار بولغان تۇرۇپنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىمىز
    سۈيىنى چىقىرىپ بولغاندىن كىيىن، تۇرۇپنى ئېغىزىنى ئىتىشكە بولىدىغان قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە سۇۋۇپ تەييار بولغان قىيامنى، تۇرۇپ چۆكۈشكىچىلىك قۇيىمىز.
    قاچىنىڭ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ، تازا چايقاپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئىككى كۈن قويۇپ ئاندىن ئېلىپ ئسىتىمال قىلساق بولىدۇ.


Step 4
   بۇ سۇغۇق سەينى، گۆش تۈرىدىكى ياكى مايلىق يىمەكلىكەرنى كۆپ يەپ سالغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلساق، ئادەمگە بەك يېقىشلىق تەم بېغىشلايدىغان بولۇپ، ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان قاچىدا ساقلىغاندا، بىر مەزگىل ساقلاپ يىيىشكە بولىدۇ. ۋاقتىڭىز يەتكەندە سىزمۇ سىناپ بېقىڭ!

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

ماڭا گۆش تەڭلىمەڭ، مەن ھازىر بۇ سۇغۇق سەيدىن باشقىنى يىمەيمەن

بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان، ئاق تۇرۇپتىن تەييارلانغان سۇغۇق سەي ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، يەنە تاماققا قوشۇپ يىيىشكىمۇ بولىدۇ؛ نۇرغۇن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号