خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 38177:ئادەم ئۆگەندى
    خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىمال قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ھەمىشە خاسىڭ يەپ بەرگەندە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلىنى—چۈرۈك پوستلۇق خاسىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    خاسىڭ، تۇخۇم، ئۇن، كىراخمال
تەييارلاش ئۇسۇلى
    1. ئالدى بىلەن خاسىڭنى يۇيۇۋەتكەندىن كىيىن، سۇغا ئون مىنۇت چىلاپ قويىمىز.
   2. خاسىڭنى سۈزۈپ ئېلىپ باشقا بىر قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە تۇخۇمدىن بىر چىقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ كەينىدىن يەنە ئازراق كىراخمال سېپىپ ئارىلاشتۇرىمىز؛ بۇنىڭغا ئۇلاپلا، ئازراق ئۇن قوشۇپ، چىنىدە قۇرۇق ئۇن قالمىغان، ئۇننىڭ ھەممىسى خاسىڭغا چاپلاشقان ھالەتكە ئەكىلىمىز. (ئەگەر شارائىت يار بەرسە، خاسىڭنى ئالاھىدە تەييارلانغان سۈزگۈچتىن بىر ئۆتكۈزىۋەتسەك بولىدۇ، بۇنىڭدا خاسىڭ بىر-بىرىگە چاپلىشىۋالمايدۇ)
   3. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان خاسىڭنى سېلىپ كىچىك ئوتتا داغلايمىز؛ داغلاش جەريانىدا يىنىك ھالدا ئارىلاشتۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ، بۇنىڭدا خاسىڭنىڭ پۈتكۈل قىسمى تەكشى داغلىنىدۇ. ئاخىرىدا، خاسىڭ داغلىنىپ ئالتۇن سېرىق كۈيۈك رەڭگىگە ئۆزگەرگەندە سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
  4. قازاننى باشقىدىن ئېسىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيىمىز؛ سۇنىڭ ئۈستىگە ئاق شىكەر قۇيۇپ كىچىك ئوتتا قاينىتىمىز؛ شىكەر پۈتۈنلەي ئىرىپ كىچىك كۆپۈكچىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا، داغلاپ تەييارلىغان خاسىڭنى سېلىپ، مالتىلاپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ. ئەگەر كۈنجۈت يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار بولسا، ئازراق كۈنجۈت سېپىپ ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالسا بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلىغان خاسىڭ سۇۋىغاندىن كىيىن، چۈرۈك ھەم يىيىشلىك بىر ئۇششاق يىمەكلىك تەييار بولىدۇ.
    خاسىڭنى داغلاشتىن بۇرۇن، ئۇنى سۇغا چىلاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ؛ بۇنىڭدا، خاسىڭ يىتەلىك دەرىجىدە سۇ تەركىبى سۈمۈرۈپ، داغلىغان ۋاقىتتا ئاسانلىقچە كۆيۈپ كەتمەيدۇ. بۇندىن باشقا، بۇ خىل خاسىڭنىڭ ساقلاش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ئېغىزى ھىم قاچىغا سېلىپ ساقلىسىڭىز، بىر ئايغىچە چۈرۈك پېتى ساقلىنىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号