ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 34446:ئادەم ئۆگەندى
   ھاۋا بارغانسىرى ئىسسىپ كىتىپ بارماقتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىراش ھالدا ھەرخىل سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنمەكتە. ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا، قانداق يىمەكلىك قوشساق، ئوخشاشلا يىيىشلىك بولىۋىرىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھەرخىل سۇغۇق سەي ۋە راڭپىزا قاتارلىقلارغا ئورتاق ئىشلىتىشكە بولىدىغان تەم تەڭشەش شەربىتى تەييارلاشنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

   تەرخەمەكنى چەيدو بىلەن نەچچىنى ئۇرۋەتكەندىن كىيىن، كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
   قۇرۇتۇلغان دۇفۇ قېقى بىلەن قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ قويۇپ ئالغاندىن كىيىن، بىر قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز.
Step 2

    چوڭراق قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، تەرخەمەكنى، قۇرۇتۇلغان دۇفۇ قېقى ۋە قېرىنقولاقلارنى قوشقاندىن كىيىن، ئۈستىگە يەنە ئازراق توغرالغان پىياز ۋە يۇمغاقسۈت قوشۇپ تەم كىرگۈزىمىز؛ ئاخىرىدا، ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ يەيدىغان مايدا داغلانغان خاسىڭ قوشىمىز.
Step 3

   ئەمدىكى نۆۋەتتە، ھەرخىل سۇغۇق سەيلەرگە ئورتاق ئىشلتىشكە بولىدىغان شەربەت تەييارلايمىز. چىنىگە ئىككى قوشۇپ شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى، بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق شىكەر، مۇۋاپىق مىقداردىكى سامساق چانالمىسى، قاقمۇچ(بەك ئاچچىق يىيەلمەيدىغانلار سالمىسىمۇ بولىدۇ)، ئۈچ قوشۇق مۇچ سوقمىسى(بەك ئاچچىق يىيەلمەيدىغانلار ئاچچىقى يوق مۇچ سوقمىسى قوشسا بولىدۇ) قوشىمىز.
   ئۈستىگە بىر چۆمۈچ قىزىتىلغان ماي قويۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كىيىن سۇۋۇتساق، شەربەت تەييار بولغان بولىدۇ.

Step 4

    تەييارلىغان شەربەتنى، ئالدىدا تەييار قىلغان تەرخەمەك قاتارلىق يىمەكلىك ماتىرياللىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيساق، يازدا ئەڭ يېقىشلىق بولغان، ئىشتىھانى ئېچىپلا قالماي، قانچە يىسىمۇ زىرىكمەيدىغان سۇغۇق سەي تەييار بولغان بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号