خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ساغلاملىقىغا كۆپ پايدىسى بار. خەيدەينىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، ھەزىم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە؛ خەيدەي تەركىبىدە تالا ماددىسى ۋە يۇد ماددىسى مول بولۇپ، قالقانسىمان بەز ئىششىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ؛ خەيدەي تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى مول ھەم ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بەدەننىڭ زەھەر ھەيدەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇلاردىن باشقا، خەيدەي ئىستىمال قىلغاندا، بەدەننىڭ مىتابولىزىم نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، مىتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئادەمنىڭ زىھنىنى تېخىمۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىلىدۇ.

خەيدەينى قورۇما قورۇپ ياكى سۇغۇق سەي تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بولسا، خەيدەيدىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى بەھىرلىنىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال: 150گىرام خەيدەي، مۇۋاپىق مىقداردا يىمەكلىك مېيى ۋە تۇز، كۈنجۈت مېيى، قاقمۇچ، سامساق، كاۋاۋىچىن، ئاچچىقسۇ، ئاق شىكەر، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، پىشقان كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن خەيدەينى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ 30 مىنۇت دۈملەپ ھوردا پىشۇرغاندىن كىيىن، ئۇنى يەنە بىر ئاخشام سۇغا چىلاپ قويۇپ ئاندىن سۇغۇق سەي تەييارلاشقا ئىشلەتسەك، تەمى ئەڭ ياخشى چىقىدۇ. خەيدەينىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت چاپلاشقان سۇيۇقلۇق بار بولۇپ، بەك زىيادە يۇمىساقمۇ بولىدۇ؛ بولمىغاندا، نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئېقىپ چىقىپ كىتىدۇ.
خەيدەينى ئۆزىنىڭ يۆگەلگەن يۆنىلىشى بويىچە يۆگەپ، قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
قازاندا سۇ ئېسىپ، خەيدەينى قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز؛ قاينىتىش ۋاقتىنى بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇش ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.
خەيدەينى قاينىپ پىشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇغا سالىمىز؛ كەينىدىن سۇغۇق سۇدىنمۇ سۈزۈپ ئېلىپ، سۈيىنى ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، بىر قاچىغا سېلىپ ئىشلىتىشكە تەييار قىلىپ قويىمىز.
خۇرۇچ ماتىريالى تەييار قىلىمىز. قاقمۇچنى ئوتتۇردىن يېرىپلا ئىككى پارچە قىلىمىز؛ سامساقنى چاناپ توغرايمىز؛
قازاننى ئوچاققا ئېسىپ ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز، كاۋاۋىچىننى سېلىپ، كىچىك ئوتتا ئېتىلدۇرىمىز؛ كاۋاۋىچىن ئېتىلىپ ئازراق كۈيۈك ھالىتىگە كەلگەن ۋاقىتتا، كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىپ تاشلىۋىتىمىز.
ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ماي قىزىقى سەل پەسلىگەندىن كىيىن، قاقمۇچنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
سامساق چانالمىسىنى خەيدەينىڭ ئۈستىگە چېچىپ، ئېتىلدۇغان ماينى ئۈستىگە قۇيىمىز؛ كەينىدىن كۈنجۈت مېيى، تۇز، ئاق شىكەر، ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، ئۈستىگە ئازراق كۈنجۈت سېپىۋەتسەكلا ئىستىمال قىلىساق بولىدۇ.