پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 31016:ئادەم ئۆگەندى
   تۆتىنچى ئاينىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ھاۋا بارغانسىرى ئىسسىشقا باشلىدى. شۇڭا بۇ مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ ئۇرۇقلاش كۈرىشىنى باشلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ، بولمىغاندا يازلىقى كەيگىلى كىيىم تاپالماي قالىسىز. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قەتئى ئەنسىرەش كەتمەيدىغان بىر خىل سۇغۇق سەينى تۇنۇشتۇرىمىز.
   بۇ خىل سۇغۇق سەينى تەييارلاش ئىنتايىن ئاددى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىلگەن يىمەكلىك ماتىرياللىرى تەركىبىدە تالا ماددىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى مايلارنى كۆيدۈرۈپ ئۇرۇقلىتىدۇ.
كىتەرلىك ماتىرياللار:
    پىياز، زەنجىۋىل، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ، غولپىياز
خۇرۇچ ماتىرياللىرى:
    ئاچچىقسۇ، ئاق شىكەر، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، تېتىتقۇ
 
تەييارلاش ئۇسۇلى

    پىياز، زەنجىۋىل، غولپىياز، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قەلەمچە ھالىتىدە توغرايمىز.
    توغراپ تەييار قىلغان بارلىق يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى بىر قاچىغا سېلىپ ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئۈستىگە بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، بىر قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق شىكەر قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئاخىرىدا ئازاراق كۈنجۈت مېيى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۋەتسەكلا تەخسىگە ئۇسۇپ يىيىشكە تەييارلانساق بولىدۇ
   بۇ خىل سۇغۇق سەي يازدا يىيىشكە ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، مىفەن بىلەن قوشۇپ يىيىشكىمۇ ئىنتايىن ماس كىلىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号