قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
    كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئاللىقاچان ئازاد بولۇپ بولغان ھازىرقى جەمئىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ئانىلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن چىقارغان خۇلاسىسىدۇر. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىز بالىغا ھامىلدار بولغاندا، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆرىلىدىغان بىر نەچچە خىل ئالامەتلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى، ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
1. ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئوڭ تەرەپكە مەركەزلىشىدۇ
    "ئەرلەر سولدا، ئاياللار ئوڭدا" دىگەن قاراش، كىشىلەر تەرپىدىن ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇش جەھەتكىمۇ تەدبىقلاپ ئېلىپ كىلىنگەن بولۇپ، كۆپ قىسىم ئانىلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ھامىيلىنىڭ مىدىرلىشى ئوڭ تەرەپكە مەركەزلەشسە، بۇ ھامىيلىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
2. قورسىقى يۇمىلاق كىلىش
    قىز بالىغا ھامىلدار بولغانلىقنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى يۇمىلاق شەكىلدە يوغىنايدۇ، ھەمدە ھامىلدار ئايالنىڭ كەينى تەرپىدىن ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغىنىنى ئىنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
3. ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاجىز ئەمما تىز بولۇش
    قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىغا ئاساسەن ئۇنىڭ جىنسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ؛ ئادەتتە ھامىيلىنىڭ يۈرەك سوقۇشى نىسبەتەن ئاجىز ئەمما سوقۇش سۈرئىتى تىز بولسا، بۇ، ھامىيلىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
4. ھامىلدار ئايالنىڭ يۈزى بارغانسىرى چىرايلىقلىشىپ كىتىدۇ
    ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن چىرايى تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ، تىرىسى تېخىمۇ يۇمران بولۇپ كەتسە، بۇ قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
5. كىندىك سىرتقا چىقىپ قېلىش
    ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ كىندىكى سىرتقا بۈرتۈپ چىقىپ قالسا ھەمدە كىندىك ئاستىدىكى قارا سىزىق نىسبەتەن ئىنچىكە ھەم سۇس كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ قىز بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
6. قوساق ئاستى تەرەپكە يوغىناش
    ئەل ئارىسىدا "قوساق ئۈستىگە يوغىنىسا ئوغۇل، ئاستىغا يوغىنىسا قىز" دىگەن قاراش بار. شۇڭا ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى ئاستى تەرەپكە قاراپ يوغىنىسا، بۇمۇ قىز بالىغا ھامىلدار بولغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.
7. قورساقنىڭ يوغىنىشى كۆرنەرلىك بولىدۇ
    ئەگەر ئاياللار قىز بالىغا ھامىلدار بولسا، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ يوغىنىشى تىز بولىدۇ ھەمدە يوغىنىشىمۇ كۆرنەرلىك دەرىجىدە بولىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ دۈم يېتىشىنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىس

ئوغۇل بالىنى قانداق تەربىيىلىگەندە ياراملىق ئادەم بولىدۇ

ھەممە ئاتا-ئانا، ئۆز بالىسىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بولۇپمۇ، ئوغۇل بالىسى بار ئائىلىدە، ئاتا-ئانىسى ئ

ھامىلدارلىقتا بۇلارنى قىلالىسىڭىز ھامىيلىنىڭ بەختى كەلگەن بولىدۇ

ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىپ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، بۇنداق مەقسەتك

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاقنىڭ بالىغا بولغان پايدىسى

ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر دۇنيادىكى ئاغرىقنى 12دەرىجىگە بۆلسەك، ئۇنداقتا ھامىلدار ئايالنىڭ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغان ئاغرىقى ئە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号