ئوسۇڭ تەملەشتۈرگەندە، ئاۋۋال سۇدا قاينىتىۋېلىش كېرەكمۇ يوق؟
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 46334:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئوسۇڭنى سوغۇق تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئوسۇڭ ئادەتتىكى بىر خىل كۆكتات بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يېمەكلىك تالا ماددىسى قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا يۇد ماددىسى بار بولۇپ، كەيپىياتنى تەڭشەش رولىنى ئوينىيالايدۇ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بولسا، جىددىي كەيپىياتنى يوقىتىپ، ئۇيقۇغا پايدىلىق بولىدۇ.
   ئوسۇڭنى تەييارلاش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، سوغۇق تەملەشتۈرۈش، ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇلدۇر. لېكىن ئوسۇڭنى سوغۇق تەملەشتۈرگەندە، ئاۋۋال سۇدا قاينىتىپ ئېلىۋېلىش كېرەكمۇ يوق؟ بۇنىڭ جاۋابىنى، تۆۋەندىكى ئوسۇڭنى سوغۇق تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلىشىدىن بىلىۋالالايسىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: ئوسۇڭ، قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، ماي

تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئالدى بىلەن تەييار قىلغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ييۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   2. ئوسۇڭنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق تۇز قوشقاندىن كېيىن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 15مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
   3. 15مىنۇتتىن كېيىن، ئۇسۇڭنىڭ سۈيى چىقىپ تەييار بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا چىققان سۇنى تۆكىۋىتىمىز ھەمدە ئوسۇڭنى قولىمىزدا يىنىك سىقىپ چىقىپ بولالمىغان سۇ تەركىبلىرىنى چىقىرىۋېتىمىز.
   4. قىزىلمۇچنى كىچىك چەمبەرسىمان توغراپ، قاچىدىكى ئوسۇڭنىڭ ئۈستىگە قوشىمىز. كەينىدىن قازاندا بىر چۆمۈچ ماي قىزىتىپ، قىزىق ماينى ئوسۇڭنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز.
   5. ئاخىرىدا ئازراق توخۇ تەم جەۋھىرى قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۇششاق تولغان غولپىياز مايسىسىنى ئۈستىگە سېپىۋىتىپ تەكشى ئارىلاشتۇرساقلا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号