راڭپىزىنى سىرتتىن سېتىۋېلىش كەتمەيدۇ، ئۆيدىلا تەييار قىلالايسىز
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 60381:ئادەم ئۆگەندى
   راڭپىزا، پۈتكۈل مەملىكەت خەلقى ياقتۇرۇپ يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىك بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئائىلىدە راڭپىزا تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، بىر كۆرسىڭىزلا ئۆگېنىۋالالايسىز.
خام ماتېرىيالى
   يۇقىرى تالالىق ئۇن(高筋面粉)، تەرخەمەك قەلەمچىسى، خاسىڭ، 0.5گىرام ئېچىتقۇ پاراشوكى
تەم خۇرۇچلىرى
   تۇز، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، مايلىق پوپوزا(油泼辣子)، چانالغان سامساق، يۇمغاقسۈت

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   300گىرام يۇقىرى تالالىق ئۇن تەييارلاپ، 20گىرام تۇز قوشۇپ قاتتىقراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرىمىز.
   يېڭى ساقلاش پىلاستىرىغا ئوراپ 20مېنۇت قويۇپ تىندۇرىمىز، ئارىلىقتا پىلاستىرنى ئېچىپ نەچچە قېتىم مۇجۇپ ئەيلەپ قويساق، خېمىر تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.
-2-
   خېمىر تىنىپ بولغاندىن كېيىن، داسقا خېمىر چۆكۈشكىچىلىك سۇ قۇيۇپ، خېمىرنى قولىمىزدا كىيىم يۇغانغا ئوخشاش ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز.
   خېمىر تەركىبىدىكى كىراخمالنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇپ سۇغا چىقىرىۋەتسەك، تەدرىجىي ھالدا سۇس كۈل رەڭ بولغان ماددا يۇيۇلۇپ چىقىدۇ، بۇ دەل ئۇن تالاسىدۇر(面筋).
   ئۇن تالاسىنى ئايرىم سۇغا سېلىپ، سۇ رەڭگى ئۆزگەرمەيدىغان بولغۇچە يەنە نەچچە قېتىم يۇيىمىز؛ بۇنىڭدا، بىز بىر پارچە پاكىزە ئۇن تالاسىغا ئېرىشىمىز.
-3-
   خېمىرنى يۇغان كىراخمال سۈيىدىكى ئارىلاشما ماددىلارنى سۈزۈۋىتىپ، تۆت سائەتتىن ئارتۇق قويۇپ قويىمىز. چوقۇم مىدىرلاپ كەتمەيدىغان يەردە جىم قويۇش كىرەك، ۋاقىت جەھەتتىمۇ كىراخمالنىڭ سۇنىڭ تىگىگە تولۇق چۆكۈپ بولىشىغا يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.
   كىراخمال چۆكۈپ بولغۇچە، ئۇن تالاسىنى بىتەرەپ قىلىمىز. ئۇن تالاسىغا 0.5گىرام ئېچىتقۇ پاراشوكى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، دۈملەش قازىنىدا، چوڭ ئوتتا 20مېنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.
   بوشىشىپ كۆپكەن ئۇن تالاسى، بىزگە تونۇشلۇق بولغان ھالەتكە كېلىدۇ؛ كەينىدىن، ئۇنى كىچىك پارچە قىلىپ توغراپ تەييارلايمىز.
-4-
   تۆت سائەتتىن كېيىن، كىراخمال بىلەن سۇ كۆرۈنەرلىك ھالدا ئىككى قەۋەتكە ئايرىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۈز قىسمىدىكى سۇنى تۆكۈۋېتىپ، كىراخمالنى قوچۇپ ئارىلاشتۇرىمىز، بۇنىڭدا قويۇقلۇقى دەل مۇۋاپىق ھالەتكە كېلىدۇ.
-5-
   داتلاشماس پولات تەخسىدىن بىرنى تەييارلاپ، چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىچىكى قىسىمىغا بىر قەۋەت ماي سۈرتىمىز؛ كەينىدىن تەخسىگە بىر قوشۇق كىراخمال قۇيۇپ، تەخسىنى مىدىرلىتىپ كىراخمالنى تەكشى يېيىلتىمىز؛ كىراخمال بەك كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن، بولمىسا راڭپىزا قېلىن چىقىۋالىدۇ؛ تەخسىنى دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ چوڭ ئوتتا ئىككى مىنۇت دۈملەپ پىشۇرىمىز.

   راڭپىزدا تەدرىجى ھالدا سۈزۈك ئەينەك ھالىتىگە كېلىدۇ ھەمدە كۆپۈكچىلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا تەخسىنى سۇغۇق سۇغا چىلاپ تىز سۈرئەتتە سۇۋۇتىمىز، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
   سۇۋۇغان راڭپىزىنى ئاسانلا ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ؛ تىتىلىپ كەتمەيدىغان، يۇمشاقلىقى ۋە ئىلاستىكىلىقى دەل جايىدا چىقىدۇ.
 
تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى
 
-6-
   تەييار قىلغان راڭپىزىنى يۇمىلاق قىلىپ يۆگىگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق كەڭلىكتە توغرايمىز.
   راڭپىزا بىلەن ئۇن تالاسىنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن تەرخەمەك قەلەمچىسى، خاسىڭ ۋە سامساقلارنى قوشۇپ، ئۈستىگە شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق تۈردە قوشىمىز؛ ئاخىرىدا، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق مايلىق پوپوزا قۇيساق، يىيىشلىك بولغان راڭپىزا تەييار بولغان بولىدۇ.
   ئادەتتىكى ماتېرىياللاردىن تەملىك يېمەكلىك تەييارلاشقا ھامان بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، سىز بەزىبىر مۇھىم نۇقتىلارنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇۋالسىڭىزلا، ساغلام ھەم تەملىك بولغان راڭپىزا يىيەلەيسىز.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号