پىدىگەننىڭ ئەڭ ئاددىي يىيىش ئۇسۇلى—قولدا تىتىپ تەملەشتۈرۈش
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 44945:ئادەم ئۆگەندى
   ئۆيدە تائام تەييارلاشتا، ئاددىي ھەم ئىشتىھا ئاچىدىغان سوغۇق سەيدىن بىرنەچچىنى ئۆگېنىۋىلىش زۆرۈردۇر؛ شۇڭلاشقا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قولدا تىتىلغان پىدىگەن تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
خام ماتېرىيالى
   پىدىگەن، غولپىياز، قىزىلمۇچ تالقىنى، سامساق
تەم خۇرۇچلىرى
   ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى

-1-

   پىدىگەننى پاكىزە يۇۋەتكەندىن كېيىن، دۈملەش قازىنىغا سېلىپ، تۇۋاقنى يېپىپ 15مىنۇت دۈملەيمىز؛ 15مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، چوكىنى پىدىگەنگە سانچىپ باقسىڭىز، ئاسانلا سانجىلىپ كىرىپ كەتسە، پىدىگەننىڭ پىشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
-2-
   پىدىگەننى قازاندىن ئېلىپ سۇۋۇتقاندىن كېيىن، قولىمىزدا تىتىپ پارچىلايمىز.

تەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى
 
-3-

   پىدىگەننىڭ ھەممىنى تىتىپ تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئۈچ قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، مۇۋاپىق مىقداردا غولپىياز ۋە سامساق چانالمىسى، قىزىلمۇچ تالقىنى قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق قىزىتىلغان ماي قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەملەشتۈرىمىز؛ سۇۋۇغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
-4-

   شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى ئەسلىدىلا تۇزلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، پىدىگەننى تەملەشتۈرگەندە تۇز قوشمىساقمۇ بولىدۇ؛ يىگەن ۋاقىتتا ئارىلاشتۇرىۋەتسەك، ھەرقانداق سوغۇق تەملەشتۈرۈلگەن سەيلەردىن قېلىشمايدىغان ھالدا تەملىك بولىدۇ. ۋاقتىڭىز چىقسا سىناپ بېقىڭ!

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号