موگودىمۇ سۇغۇق سەي تەييارلاشنى بىلىۋىلىڭ، پۇشايمان قىلمايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 52920:ئادەم ئۆگەندى
   سىپرېس موگوسى(杏鲍菇) يۇمران ھەم تەملىك بولۇپ، سىپرېس موگوسىنى قولدا تىتىش ئۇسۇلى بىلەن تەييارلانغان سۇغۇق سەي، چوقۇم ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىڭىزغا ئېرىشەلەيدۇ، كەتكەن ئەجرىڭىزگە ھەرگىز پۇشايمان قىلمايسىز.
   كېتەرلىك ماتېرىيال: سىپرېس موگوسى، ئۇششاق قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى، سامساق
   كېتەرلىك خۇرۇچلار: ئاق ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شېكەر، كۈنجۈت مېيى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

   ئۇششاق قىزىلمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر ھالىتىدە توغرايمىز، غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق چانالما ھالىتىدە توغرايمىز؛
Step 2

   دۈملەش قازىنىنى ئېسىپ سۇ قايناتقاندىن كېيىن، يۇيۇپ پاكىزلانغان سىپرېس موگوسىنى سېلىپ، 10مىنۇت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرىمىز؛ ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، سىپرېس موگوسىنى ئېلىپ سۇۋۇتىمىز؛
Step 3
   سىپرېس موگوسى سۇۋىغاندىن كېيىن، قولىمىزدا ئۇزۇنچاق ئىنچىكە قەلەمچە ھالىتىدە تىتىمىز؛
Step 4

   تىتىپ تەييارلىغان سىپرېس موگوسىنى چوڭراق قاچىدىن بىرگە سېلىپ، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇ، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى، بىر قوشۇق ئاق شېكەر، توغراپ تەييارلىغان قىزىلمۇچ، غولپىياز مايسىسى ۋە سامساق قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرساق، بۈگۈنكى سوغۇق سەي تەييار بولغان بولىدۇ.
Step 5
   دۈملەپ پىشۇرۇش بىلەن قولدا تىتىش، بۇ خىل سۇغۇق سەينىڭ تەملىك چىقىشىدىكى ھالقا؛ چۈنكى، قولدا ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ تىتىلغان سىپرېس موگوسىغا تېخمۇ ئاسان تەم كىرىدۇ. بۇ خىل سۇغۇق سەي، ئۆيگە مېھمان كەلگەن ۋاقىتتا، مېھمانلارنى كۈتۈشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号