چۈرۈك تەييارلانغان قىياملىق تەرخەمەك قەلەمچىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 56617:ئادەم ئۆگەندى
   ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان تەرخەمەك تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتكەن؛ لېكىن بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان قىياملىق تەرخەمەك قەلەمچىسىنى، بەلگىلىك ۋاقىت تۇزلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەززىلىك تائام ساقلاشقا ئەرزىيدۇ، تەمى سىز ئويلىغاندىنمۇ ياخشى!
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تەرخەمەك، سامساق، زەنجىۋىل، كىچىك قىزىلمۇچ
   خۇرۇچ ماتېرىيالى: شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، ئاق ھاراق، تېتىتقۇ، شېكەر

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

   تەرخەمەكنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، بىر تال تەرخەمەكنى ئۈچكە بۆلۈپ توغرايمىز؛ كەينىدىن ھەر بىر بۆلەكنى ئوتتۇرىدىغان ئىككى پارچە قىلىمىز، ھەر بىر پارچىسىنى يەنە تەڭدىن ئۈچكە بۆلۈپ توغرىۋالىمىز.
 
Step 2

   توغراپ تەييار قىلغان تەرخەمەكنى چوڭراق قاچىدىن بىرنىڭغا سېلىپ، ئۈستىگە بىر قوشۇق تۇز سېپىپ، رەسىمدىكىگە ئوخشاش تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز ھەمدە 30مىنۇت قويۇپ تەرخەمەكنىڭ سۈيىنى چىقىرىمىز.
 
Step 3

   تەرخەمەك تۇزلىنىپ بولغۇچە قىيام تەڭشىۋالىمىز؛ قازانغا بەش قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئىككى قوشۇق شېكەر، ئاز مىقداردا تېتىتقۇ قوشۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا شېكەر پۈتۈنلەي ئىرىپ بولغۇچە قىزىتىمىز، قايناتمىساقمۇ بولىدۇ.
 
Step 4

   30مىنۇت ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، تەرخەمەكنىڭ چىققان سۈيىنى تۆكىۋىتىمىز ھەمدە سۇدا بىر قېتىم چايقىۋىتىمىز؛ كەينىدىن كىچىك قىزىلمۇچ، زەنجىۋىل پارچىسى، توغرالغان سامساق قاتارلىقلارنى قوشۇپ، ئۈستىگە ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى قوشىمىز؛ كەينىدىن بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەتتىن ئارتۇق قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن ئسىتىمال قىلساق بولىدۇ.
 
Step 5

   بۇ خىل ئۇسۇلدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان تەرخەمەكنىڭ تەمى ياخشى چۈرۈك بولۇپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ ئىككى ئۈچ قويۇپ قويساقمۇ بۇزۇلۇپ قالمايدۇ. ۋاقتىڭىز بولسا سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号