سۇغۇق سەيگە ئامراقلار بۇنى ساقلىۋىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 66827:ئادەم ئۆگەندى
   بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغان سۇغۇق سەي، ئادەتتە دۆلەت سىرتىدا سالات دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ساغلام يىشىل يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بىر نەچچە خىل سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئاددىيلا تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان جىڭجىڭگو
   كىتەرلىك ماتىريال: جىڭجىڭگو(金针菇)، قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساق چانالمىسى، شىڭچوۋ، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت ماي
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. سۇ قاينىتىپ ئالدى بىلەن جىڭجىڭگونى ۋە قەلەمچە قىلىپ توغرالغان قىزىلمۇچنى سېلىپ، 30سىكونت قايناتقاندىن كىيىن، ئاخىرىدا يانتۇ ھالەتتە ئىنچىكە قىلىپ توغرالغان غولپىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئالىمىز؛
   2. سۈزۈپ ئالغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى سۇغۇق سۇغا يېرىم مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛
   3. چىنىدىن بىرنىڭغا، ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ ۋە چانالغان سامساقلارنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئالدىدا سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى ساقىتىۋەتكەندىن كىيىن، تەييار قىلغان قىيامنى ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   4. ئاخىرىدا ئۈستىگە نەچچە تېمىتىم كۈنجۈت مېيى قوشۇۋەتسەك، تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقساق بولىدۇ.
كۈنجۈت قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇلغان پالەك
   كىتەرلىك ماتىريال: پالەك، كاۋاۋىچىن، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شىكەر، تۇز، غولپىياز مايسىسى، ئۇششاق چانالغان قىزىلمۇچ، ئۇششاق چانالغان سامساق، قارىمۇچ، ئۇششاق چانالغان زەنجىۋىل، پىششىق ئاق كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قازانغا ئازراق كۈنجۈت مېيى قويۇپ قىزىتىپ، ئازراق كاۋاۋىچىننى كىچىك ئوتتا قورۇپ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن، كاۋاۋىچىننى سۈزۈپ ئېلىۋىتىمىز.
   2. غولپىياز مايسىسى، چانالغان قىزىلمۇچ، چانالغان سامساق، چانالغان زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى بىر چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا قىزىتقان كۈنجۈت مېيىنى قۇيىمىز.
   3. ئۈستىگە يەنە ئازراق ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شىكەر ۋە ئازراق تۇز قوشقاندى كىيىن، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام تەييارلايمىز.
   4. قازانغا يىتەرلىك مىقداردا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كىيىن، ئۈستىگە ئازراق قوناق مېيى ۋە تۇز قۇيۇپ، ئىككى-ئۈچ مىنۇت قاينىتىمىز؛
   5. پالەكنى سېلىپ قاينىتىمىز.
   6. پالەك پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كىيىن سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ، ئۈستىگە قىيامنى ۋە پىششىق ئاق كۈنجۈتنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
ئاچچىق ئارىلاشتۇرۇلغان لامنارىيە قەلەمچىسى
   كىتەرلىك ماتىريال: لامنارىيە قەلەمچىسى(海带丝)، قاقمۇچ، سامساق، زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، كاۋاۋىچىن مېيى، شىكەر، لازا ماي(油辣子)، پىششىق كۈنجۈت
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. لامنارىيە قەلەمچىسىنى پاكىزە يۇۋەتكەندىن كىيىن، توغراپ قىسقىراق قىلىۋالىمىز؛ قازاندا سۇ قاينىتىپ بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇۋەتكەندىن كىيىن، لامنارىيە قەلەمچىسىنى قازانغا سېلىپ 20-15مىنۇت قاينىتىمىز؛ ۋاقىت توشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ  سۇغۇق سۇغا چىلاپ سۇۋىتىمىز.
   2. قاقمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز؛ سامساق زەنجىۋىلنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت مېيى ۋە كاۋاۋىچىن مېيى قۇيۇپ قىزىتىپ، توغراپ تەييار قىلغان قاقمۇچ، زەنجىۋىل ۋە سامساقلارنى سالىمىز؛ كىچىك ئوتتا داغلاپ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۋىتىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاچچىقسۇ، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، شىكەر، لازا ماي قاتارلىقلارنى سېلىپ تۇلۇق ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، سۇۋۇش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   4. سۈيىنى ساقىتىۋەتكەن لامنارىيە قەلەمچىسىنى چوڭراق قاچىدىن بىرنىڭغا سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا تەييارلىغان قىيامنى ۋە پىششىق كۈنجۈتنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号