چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 42794:ئادەم ئۆگەندى
   يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييارلانغان قىيامنى ئارىلاشتۇرسىڭىز، ئازراق جۇڭگۇ ئۇسلۇبىدىكى سالاتقا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن يىيىشلىك بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   چىچەكسەي، سەۋزە، خوڭگا، سامساق، تۇخۇم
كىتەرلىك تەم خۇرۇچى
    يىمەكلىك مېيى، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    چىچەكسەينى كىچىك پارچە قىلىپ توغرايمىز.
    سەۋزىنى يانتۇ تۆت بۇرجەك قىلىپ نىپىز توغرايمىز.
    خوڭگىنى كىچىك پارچە ھالەتتە توغرايمىز.

Step 2
    قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، بىر قۇشۇق ماي، بىر قوشۇق تۇز قۇيىمىز.
    چىچەكسەينى سېلىپ، ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز.
    چىچەكسەي پىشىپ قالاي دىگەندە سۈزىۋىلىپ، چوڭراق بىر قاچىغا سېلىپ قويىمىز.
    كەينىدىن سەۋزىنى قازانغا سېلىپ، ئوخشاشلا قاينىتىپ پىشۇرۋالغاندىن كىيىن، چىچەكسەينى سالغان قاچىغا سالىمىز.

Step 3
    قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، چېقىپ ئارىلاشتۇرۋەتكەن ئىككى تۇخۇمنى قۇيىمىز
    ئىككى تەرىپى ئالتۇن سېرىق بۇلغۇچە قاتۇرىمىز.
    قاتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
    توغراپ بولغاندىن كىيىن، چىچەكسەي ۋە سەۋزە سېلىنغان قاچىغا سالىمىز.

Step 4
    بۇ ۋاقىتتا، قىيام تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىمىز: بىر قاچىغا چانالغان سامساقنى سېلىپ، ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز.(ئەگەر ياقتۇرسىڭىز، بىر قۇشۇق مۇچ تالقىنى قوشۇۋەتسىڭىز بولىدۇ)
    كەينىدىن ئۈستىگە بىر قۇشۇق ئاچچىقسۇ، بىر قۇشۇق كۈنجۈت مېيى، بىر قۇشۇقتىن ئازراق تۇز، بىر قۇشۇقتىن ئازراق شىكەر قوشىمىز.
    ئاخىرىدا بىر چۈمۈچ قىزىتىلغان ماي قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەك، قىيام تەييار بولىدۇ.

Step 5
    چىچەكسەي، سەۋزە ۋە تۇخۇم قەلەمچىسىنىڭ ئۈستىگە، توغراپ تەييار قىلغان خوڭگىنى سېلىپ، ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى ئۈستىگە تۆكىمىز.
    تەكشى ئارىلاشتۇرساق، بۈگۈنكى سۇغۇق سەي تەييار بولغان بولىدۇ.

Step 6
    ئەگەر قىزىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، قازاندا بىر قېتىم قورىۋەتسىڭىز بولىدۇ؛ مەيلى سۇغۇق يەڭ ياكى قورۇپ ئىسسىتىپ يەڭ، ئوخشاشلا تەملىك.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号