قېرىنقولاق بىلەن خاسىڭنى ئارىلاشتۇرسىڭىز، يەپ توختىيالمايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 64803:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قېرىنقولاق ۋە خاسىڭدىن تەييارلانغان سۇغۇق سەينى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ خىل سۇغۇق سەي ئىنتايىن تەملىك بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، قولىڭىزغا چوكىنى ئالسىڭىز، يەپ تۈگەتمىگۈچە ئورنىڭىزدىن تۇرالمايسىز.
كىتەرلىك ماتىريال: خاسىڭ، قېرىنقولاق، سامساق، قىزىلمۇچ، يۇمغاقسۈت
خۇرۇچ ماتىرياللىرى: ئىستىمال مېيى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، كۈنجۈت مېيى، ئاق شىكەر 
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

    خاسىڭنى سۇغا ئىككى مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛ سىرتقى پوستى ئازراق سۇ تەركىبى سۈمۈرسە، داغلىغان ۋاقىتتا ئاسانلىقچە كۆيۈپ كەتمەيدۇ.
   قارا قېرىنقولاقنى قاچىغا سېلىپ، سۇ قۇيۇپ 20مىنۇت چىلاپ قويىمىز؛

Step 2

   خاسىڭنى سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ، قازانغا سالىمىز؛
   خاسىڭ چۆكۈشكىچىلىك ماي قۇيىمىز؛
   كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا داغلايمىز، ئارىلىقتا چوكا بىلەن توختىماي ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز؛
   تەخمىنەن 8مىنۇت ئەتراپىدا داغلىغاندىن كىيىن، خاسىڭدا پاراسلاپ ئېتىلغان ئاۋاز چىقىشقا باشلىغان ۋاقىتتا، ئۇنى سۈزۈپ ئالساق بولىدۇ.
 
Step 3

   كەينىدىن قازاندا سۇ ئېسىپ، چىلاپ تەييارلىغان قېرىنقولاقنى سالىمىز؛
   سۇ قايناپ چىققاندىن كىيىن، يەنە ئىككى مىنۇت داۋاملىق قاينىتىمىز؛
   كەينىدىن پىشقان قېرىنقولاقنى ئۇسۇپ ئېلىپ، سۇغۇق سۇغا چىلاپ سۇۋىتىمىز؛
 
Step 4

   ئەمدى سۇغۇق سەي تەييارلايدىغان قىيام تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىمىز؛ قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، سامساق چانالمىسى ۋە ئۇششاق توغرالغان قىزىلمۇچنى سالىمىز؛
   قورۇپ تەم چىقارغاندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۋىتىمىز؛

   ئۈستىگە ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، بىر قوسۇق كۈنجۈت مېيى، بىر قوشۇق ئاق شىكەر قوشىمىز؛
   ئاخىرىدا تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەكلا بولىدۇ.
 
Step 5

   قارا قېرىنقولاقنىڭ سۈيىنى پاكىزە سىقىۋەتكەندىن كىيىن، ئۈستىگە خاسىڭنى سېلىىپ، كەينىدىن تەييارلىغان قىيامنى قۇيىمىز؛
   ئۈستىگە يەنە ئازراق ئۇششاق توغرالغان يۇمغاقسۈت قوشىمىز؛
   چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەك، بۈگۈنكى قېرىنقولاق ۋە خاسىڭدىن تەييارلانغان سۇغۇق سەي تەييار بولغان بولىدۇ.
 
Step 6

    ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار، ئاچچىقسۇنى كۆپرەك قوشۇۋەتسەك بولىدۇ. ئاچچىقسۇنىڭ قان تومۇرلارنى يۇمشىتىپ قان بېسىمنى تەڭشەش رولى بار بولۇپ، ساغلاملىققا زور پايدىسىز بار.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号