ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 51894:ئادەم ئۆگەندى
    ئاچچىق-چۈچۈك ئارىلاشتۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى، چۈرۈك كىلىدۇ ھەم ئىشتىھانى ئاچىدۇ؛ بىراق ئۇنى ئوخشىتىپ تەييارلاشقا بەلگىلىك تاكتىكا كىتىدۇ. تۆۋەندە بۇ خىل سۇغۇق سەينى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
    ياڭيۇ
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
    يىمەكلىك مېيى، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن، كاۋاۋىچىن، مۇچ سوقمىسى، كاۋاۋىچىن سوقمىسى، زىرە، ئاق كۈنجۈت، تۇز، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    ياڭيۇنى ئاقلاپ يۇغاندىن كىيىن، نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.
    توغراپ بولغاندىن كىيىن سۇغۇق سۇغا سېلىپ چايقاپ، يۈز قىسمىدىكى كىراخماللارنى يۇۋىتىمىز.
Step 2
    قازان ئېسىپ سۇ قاينىتىپ، ياڭيۇنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قاينىتىپ پىشۇرىمىز.
    قاينىتىپ ياڭيۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندە ئۇسۇپ ئېلىۋالساق بولىدۇ
Step 3
    قىيام تەييارلايمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ ئالتە ئۈلۈش قىزىتقاندىن كىيىن، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن ۋە كاۋاۋىچىنلارنى سالىمىز.
    كىچىك ئوتتا داغلاپ تەم چىقارغاندىن كىيىن، تەخمىنەن 2مىنۇت داغلاپ ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.
    بىر قاچىغا ئۈچ قۇشۇق قىزىلمۇچ سوقمىسى، بىر قوشۇق كاۋاۋىچىن سوقمىسى، بىر قوشۇق زىرە سوقمىسى، ئون گىرام ئاق كۈنجۈت، يېرىم قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق ئاق شىكەر قوشىمىز.
    قوشۇق بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
    ئالدىدا تەييارلىغان قىزىق ماينى ئۈستىگە قۇيساق، قىزىل مايلىق قىيام تەييار بولغان بولىدۇ.
Step 4
    قىزىل مايلىق قىيامنى ياڭيۇ ياپراقچىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز.
    تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەربىر ياڭيۇ ياپراقچىسىغا قىيام يۇقىشىغا كاپالەتلىك قىلساق، بۈگۈنكى ئاچچىق-چۈچۈك تەملىك ياڭيۇ ياپراقچىسى تەييار بولغان بولىدۇ
Step 5
    بۇ سۇغۇق سەينى تەييارلاشتا، ياڭيۇنى بەك ئۇزۇن قاينىتىۋەتمەسلىك كىرەك؛ شۇنىڭدا ئاندىن، چۈچۈك يىيىشلىك بولىدۇ. ئۇزۇنراق قويۇپ قويساق، تېخىمۇ تەم كىرىدۇ.

ھاۋا ئىسسىپ ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى يەپ سىناپ بېقىڭ

خەيدەي(海带)، دېڭىز ئاستىدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىز دائىم ئىستىمال قىلىدىغان كۆكتات تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆكتاتنىڭ يۇد تەركىبى

پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەم سەمىرتمەيدىغان يازلىق تائام

بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، پىشۇرۇش كەتمەيدىغان ھەمدە توغراپ ئارىلاشتۇرساقلا ئىستىمال قىلغىلى بولىدىغان، ئەمما سەمىرتىپ قويۇشتىن قە

ھەممىگە ئورتاق ماس كىلىدىغان سۇغۇق سەي تەم تەڭشەش شەربىتى

ئەمىلىيەتتە، مەيلى سۇغۇق سەي تەييارلاش بولسۇن ياكى لەمپۇڭ، راڭپىزا قاتارلىقلار بولسۇن، پەقەت تەم تەڭشەش شەربىتىنى تەييارلىۋالساقلا،

خاسىڭنىڭ باشقىچە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى

خاسىڭنىڭ ئىستىمال ئۇسۇلى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، مايدا داغلاپ ۋە سۇدا پىشۇرۇپ سۇغۇق سەي قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. خاسىڭنىڭ ئىستىما

چۈچۇمەل سارچە ئۈگىرسى قارا پىنتوزا

تەييارلاش ئۇسۇلى: سارچە ئۈگىرسىنى قايناق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ سوۋتىۋالمىز.قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ غولپىياز مايسىسىنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمى

چىچەكسەي بىلەن خوڭگىدا سۇغۇق سەي تەييارلاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ

يېقىندا، چىچەكسەينىڭ يىڭى بىر خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى بايقاپ قالدىم: چىچەكسەيگە باشقا كۆكتاتلاردىن قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە ئالاھىدە تەييار

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号