گۈلسامساق كەرەپشە قورۇمىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 47037:قېتىم كورۇلدى
    گۈلسامساقنىڭ(百合) يۈرەكنى ياشارتىپ مىڭىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ۋە ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ھۆتەلنى توختىتىش رولى بار؛ بۇنىڭغا چۈرۈك ھەم تەملىك كەلگەن چىڭسەي ۋە مىڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ياۋگو(腰果) قوشۇلسا، بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ قورۇمىمىز رەڭ ۋە تەم جەھەتتە ئوخشاشلا سۈپەتلىك چىقىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    توم چىڭسەي، ياۋگو، گۈلسامساق، قىزىلمۇچ
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
     يىمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماي، تۇز، شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    توم چىڭسەينىڭ يۇپۇرماقلىرىنى تىرناپ ئېلىۋىتىپ، غول قىسمىنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز.
    قىزىل لازىنىڭ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىپ، نورمال چوڭ كىچىكلىكتە پارچە ھالەتتە توغرايمىز.
    گۈلسامساقنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، باش ئايىغىنى كىسىۋىتىپ، قاتلىرىنى ئاجرىتىپ تەييارلايمىز.

Step 2
    قازانغا ماي قۇيۇپ، ياۋگونى سۇغۇق مايغا سالىمىز.
    ياۋگونى داغلاپ ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىۋىلىپ سۇۋۇشقا قويىمىز

Step 3
    قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ، ئالدى بىلەن چىڭسەينى سېلىپ، چوڭ ئوتتا بىر مىنۇت ئەتراپىدا قورۇيمىز.
    كەينىدىن گۈلسامساق بىلەن قىزىل لازىنى سېلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا قورۇپ پىشۇرىمىز.
    تەخسىگە ئۇسۇشنىڭ ئالدىدا بىر قۇشۇق تۇز، يېرىم قۇشۇق شىكەر قوشۇپ، تەكشى مالتىلاپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن ئوتنى ئۆچۈرۈمىز.
    ئاخىرىدا ياۋگونى سېلىپ، مالتىلاپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

Step 4
    گۈلسامساق تەملىك بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قورۇمىنى تەييارلاشمۇ ئاددى، شۇڭا ۋاقىت چىقىرىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号