كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19577:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللار 25ياشتىن كىيىنلا ئۆزىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشقا باشلىمىسا بولمايدۇ؛ چۈنكى، ئاياللار 25ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرىلىشكە باشلايدىغان بولۇپ، ئازراق بىر نەرسە يەپ بولغۇچە سەمىرىپ كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىسىمۇ بوشىشىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ چاچلىرىمۇ چۈشۈشكە باشلايدۇ. بولۇپمۇ تۇغۇتتىن كىيىنكى ئاياللارغا نىسبەتەن، چىرايىدا بەزىبىر داغلار ۋە قورۇقچىلار پەيدا بولىدۇ ھەمدە بەزىبىر ئاياللار كىسەللىكلىرى ۋە سۈت بېزى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىمۇ ئېشىپ كىتىدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قالماي، يەنە بەزى كىسەللىكلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
    ئەتىياز پەسلىدىكى كۈدە يىڭى ھەم  يۇمران بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تاماق جوزىسىدىكى دائىملىق مىھماندۇر؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۈدىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، باھاسى ئەرزان بولغانلىقتىن، تەبىئىلا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشەلەيدۇ. كۈدىنىڭ تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ ھەمدە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا، كۈدىگە تۆۋەندىكى بىر نەرسىنى قوشۇپ بىللە قورۇپ ئسىتىمال قىلغاندا، ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈشنى ياخشىلاپ، سۈت بېزى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە داغلارنى يوقىتىدۇ ۋە قورۇقچىلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
    بۇ يەردە ئېيتقىنىمىز سېرىق پۇرچاق بولۇپ، ئادەتتە سېرىق پۇرچاقنى ئىزىپ پۇرچاق سۈتى چىقىرىپ ئىچىمىز. ئەمىلىيەتتە سېرىق پۇرچاق ئىنتايىن ياخشى بىر خىل يىمەكلىك بولۇپ، چىلانغان سېرىق پۇرچاقنى قورۇپ يىسەك، سۇغۇق سەي تەييارلىغاندا ئىشلەتسەك ياكى شورپا قايناتقاندا قوشۇۋەتسەك، تائامنى تەملىك قىلىدۇ ۋە ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. سېرىق پۇرچاق تەركىبىدە ئىزوفلاۋۇن بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ بىر تۈرى؛ شۇڭلاشقا سېرىق پۇرچاق ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى قۇۋۋەت يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ. سېرىق پۇرچاقنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تىرىنىڭ قېرىشىنى ئاستىلىتىپ قورۇقچىلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ، ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەپ سۈت بېزى كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە تېخى ئاياللاردىكى چاچ چۈشۈشنى ياخشىلايدۇ.
كۈدە بىلەن سېرىق پۇرچاقتىن قورۇما تەييارلاش ئۇسۇلى:
    1. سېرىق پۇرچاقنى ئالدىنئالا يۇيۇپ پاكىزلاپ سۇغا چىلاپ قويىمىز. ئەڭ ياخشىسى بىر كۈن بۇرۇن چىلاپ قويساق تېخىمۇ ياخشى.
    2. كۈدىنى ئاقلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز؛ سامساقنى چاناپ تەييارلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
    3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، سامساقنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىمىز؛ سېرىق پۇرچاقنىڭ سۈيىنى تۇلۇق قۇرتقاندىن كىيىن، قازانغا سېلىپ قورۇيمىز؛ مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچوۋ جىياڭيۇسى  ۋە تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز.
    4. ئاخىرىدا كۈدىنى سېلىپ، 3-2مىنۇت قورۇپ پىشقاندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号