بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇخۇم يېسى پۇرچاق(豆角) قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ خىل قورۇمىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېسى پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كاروتىن مول بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنى ياخشى تەڭشەپ، جىگەرنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. بۇندىن باشقا، يېسى پۇرچاق تەركىبىدىكى كاروتىن ئادەمنىڭ كۆزىگە پايدىلىق بولۇپ، كۆزنى تېخىمۇ نۇرلۇق قىلىدۇ ھەمدە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

كىتەرلىك ماتىريال
يېسى پۇرچاق، تۇخۇم، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن، يېسى پۇرچاقنى پاكىزە يۇيغاندىن كىيىن بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ، قاتۇرۇش ئۈچۈن تەييار قىلىمىز. كەينىدىن، قازاننى ئېسىپ، بەلگىلىك ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن، تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرغاندىن كىيىن، چۈمۈچتە مالتىلاپ پارچىلىۋىتىپ، تەخسىگە ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز. ئۈچىنچى قەدەمدە، قازانغا قايتىدىن ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن يېسى پۇرچاقنى سېلىپ قورۇيمىز؛ يېسى پۇرچاقنى قورۇپ يۇمشاتقاندىن كىيىن، ئالدىدا قاتۇرۇپ ئېلىپ قويغان تۇخۇمنى سالىمىز ھەمدە خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ، نەچچە مالىتىلىۋەتكەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

يېسى پۇرچاق، ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان ساغلاملىق كۆكتاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۇخۇم بىلەن يېسى پۇرچاق ئەڭ ماسلىشىدىغان يىمەكلىك ماتىرياللىرىدىن بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. يېسى پۇرچاقنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئىلمىنتلار، ماغدۇر تۇلۇقلاش، ئۆتنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ ھەمدە ئاشقازاننىمۇ ياخشىلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېسى پۇرچاق تەركىبىدىكى يىرىك تالا ماددىلىرى، چوڭ تەرەتنى ھەيدەيدىغان بولۇپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلاپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
يېسى پۇرچاق تۇخۇم قورىمىسى، چوڭ مىڭە ئىھتىياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتا ۋە ئاقسىللارنى تۇلۇقلىيالايدىغان بولۇپ، چوڭ مىڭىسى يىتىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان كىچىك بالىلار بۇ خىل قورىمىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنىمۇ ئاشۇرۇپ، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.