ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19420:ئادەم ئۆگەندى
    سەي كاۋىسى، ئۆزى ئەرزان، ئەمما يىيىشلىك بىر خىل كۆكتات. سەي كاۋىسىنىڭ تەركىبىدە، ۋىيتامىن C، گىلىكوزا، كالتسىي قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش روى بار. بۇندىن باشقا، سەي كاۋىسىنىڭ سۇ تەركىبى مول بولۇپ، تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، تىرىنىڭ رەڭگى ئۆچۈپ كىتىشنى ياخشىلاپ، تىرىنى ئاقارتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە سەي كاۋىسىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتەيلەيدۇ ۋە ھۆتەلنى توختىتىدۇ؛ بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مىتابولىزىمنى تەڭشەيدۇ ۋە ئۇرۇقلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
    بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال           
    سەي كاۋىسى، تۇز، غولپىياز، زەنجىۋىل، يىمەكلىك مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
    سەي كاۋىسىنى پاكىز يۇغاندىن كىيىن، تۆت پارچە قىلىپ كىسىپ ئاجرىتىۋالغاندىن كىيىن، بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.

    بىر نەچچە قېتىمدا بىر چەيدونى تىگىگە تەككۈزۈپ توغرىساق، رەسىمدىكىگە ئوخشاش ئۈزۈلۈپ كەتمەيدىغان پارچە شەكىلدە چىقىدۇ. بۇنداق توغراشتىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ پىشىشى ۋە تەم كىرىشى تېخىمۇ تىز بولىدۇ.

    قازانغا ماي  قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، توغرالغان غولپىياز ۋە زەنجىۋىلنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز.
    سەي كاۋىسىنى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇيمىز، ئۈستىگە ئازراق سۇ سېپىۋىتىمىز.

    قورۇپ سەي كاۋىسىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ يىشىل بولۇپ ئۆزگەرگەن ۋاقىتتا، خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى قوشساق بولىدۇ.
    تەكشى مالتىلاپ ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئوتنى ئۆچۈرۈپ تەخسىگە ئۇسساق بولىدۇ.
    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، سەي كاۋىسىنى خام يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ، ئەمما بەك قورىۋىتىشكىمۇ بولمايدۇ، بولمىغاندا ئۇزۇقلۇق تەركىبى زىيانغا ئۇچراپ، تەمىمى تازا ياخشى بولالمايدۇ.
 

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号