ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19577:قېتىم كورۇلدى
   گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭىزنى چاكىلدىتىۋىدىغان بىر خىل قورۇما تېتىپ كۆرسىڭىز، كۆڭلىڭىزمۇ ئېچىلىپ، كۆڭلىڭىزنى قاپلىۋالغان تۇمانلار تارقايدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: پىچەكگۈل(山药)، گوللاندىيە پۇرچىقى 100گىرام، قارا قېرىنقولاق ئون تال، ئازراق تۇز
   قورۇما ئۇزۇقلۇق قىممىتى: ئىنىرگىيە تەخمىنەن 93.64كىلو كالورىيە، 22.14گىرام كاربون سۇ بىرىكمىسى، 4.24گىرام ئاقسىل، 0.1گىرام ياغ
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم
    پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى ئاقلىۋىتىمىز. كالتەك پىچەكگۈل، مەيلى تەم جەھەتتىن ياكى ئۇزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن، نىسبەتەن ياخشىراق كىلىدۇ.
ئىككىنچى قەدەم
    پىچەكگۈلنى يانتۇ ھالەتتە قېلىنراق ياپراقچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
ئۈچىنچى قەدەم
    سۇدا بىر يۇۋەتكەندىن كىيىن، پىچەكگۈلنى سۇغا چىلاپ قويىمىز. بولمىسا ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ قارىداپ قالىدۇ.
تۆتىنچى قەدەم
    قارا قېرىنقولاقنى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرىمىز.
بەشىنچى قەدەم
    كۆپۈپ چىققاندىن كىيىن، سۈيىنى سىقىۋىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
ئالتىنچى قەدەم
    قورۇشتىن ئاۋال، پىچەكگۈلنىڭ سۈيىنى پاكىزە سۈزىۋىتىمىز.
يەتتىنچى قەدەم
    بۇ قورىمىنىڭ جەۋھەر قىسمى، ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىدە بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى بەك كۆپ ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن ماينى قىزىتىپ گوللاندىيە پۇرچىقىنى قورۇيمىز؛ كەينىدىن پىچەكگۈل بىلەن قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ تىز سۈرئەتتە توختىماستىن مالتىلاپ قورۇيمىز. چۈنكى، پىچەكگۈل ئاسانلا چاپلىشىۋالىدۇ ھەمدە يان تەرەپلىرى كۆيۈپ كىتىدۇ؛ شۇڭا توختىماستىن مالتىلاپ قورۇپ تۇرۇش كىرەك.
سەككىزىنچى قەدەم
    ئاخىرىدا ئازراق تۇز قۇيۇپ تەم تەڭشىۋەتسەك، قاچىغا ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号