ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19585:قېتىم كورۇلدى
   ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئېغىزىمىزنى باشقۇرۇپ، قەدەملىرىمىزنى يۆتكەش" بولۇپ، ئاڭلىماققا ئاساندەك بىلىنىگىنى بىلەن، ئەمەلگە ئاشۇرماق ئىنتايىن تەس.
   بۇ يەردە ئېيتىلغان "ئېغىزىمىزنى باشقۇرۇش"، تاماق يىمەسلىك ياكى ئاچلىق ئېلان قىلىش دىگەنلىك ئەمەس؛ ئەگەر يىمەك-ئىچمەك ئىستىمالىڭىز توغرا ھەم ئىلمى بولسا، ئۇرۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى رەڭگى رويىڭىزنى ۋە تىرىلىرىڭىزنى ياخشىلايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولغىنىمىز، رەڭلىك لازا بامبۇك نوتىسى قورىمىسى؛ بۇ ئىككى خىل كۆكتات بىرلەشسە، مەززىلىك بىر قورۇما تەييارلاشقا بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇرۇقلىتىش ۋە تىرە ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتىريال: كۆك، سېرىق، قىزىل لازىلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىرتالدىن، بامبۇك نوتىسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
    بامبۇك نوتىسىنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، قېلىنراق قىلىپ پارچە شەكلىدە ۋە يانتۇ ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ رەڭلىك لازىلارنى قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ تەييارلايمىز.
    قازانغا سۇ قۇيۇپ چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، ئازراق ماي ۋە تۇز قوشۇپ، بامبۇك نوتىسىنى سېلىپ بىر مىنۇت قاينىتىمىز. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن، بامبۇك نوتسىىنى سۈزىۋىلىپ سۈيىنى ساقىتىپ قۇرۇتۇپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
    قازاننى قىزىتىپ، ماي قويىمىز ھەمدە ماي قىزىپ بولغۇچە رەڭلىك لازىنى سېلىپ قورۇيمىز.
    چوڭ ئوتتا قورۇپ، لازا پىشقاندىن كىيىن ئاندىن بامبۇك نوتىسىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ ئاخىرىدا ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىۋەتسەكلا تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号