قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كۆك كاۋىنى گۆشتىن پەرقلەندۈرەلمەيسىز
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 46859:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كۆك كاۋا مەيلى سىرتقى شەكلىدىن بولسۇن ياكى تەم جەھەتتىن بولسۇن، قىزارتىپ پىشۇرۇلغان گۆشكە ئىنتايىن يېقىن كىلىدۇ.

كىتەرلىك ماتىريال
    كۆك كاۋا(冬瓜)
كىتەرلىك خۇرۇچ ماتىريالى
    يىمەكلىك مېيى، تۇز، شېڭچۇۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
    كۆك كاۋىنىڭ سىرتقى پوستىنى سويۇۋىتىپ، ئۇنى قەنتتىن چوڭراق پارچە قىلىپ توغرايمىز؛ ئەگەر كۆك كاۋىنىڭ سىرتقى يۈزىدە پىچاق بىلەن سىزىقچە سىزىپ قويساق، كۆك كاۋىغا تەم كىرىشى تېخىمۇ ئاسانغا توختايدۇ.


Step 2
    قازانغا ماي قۇيۇپ، قىزىغاندىن كىيىن كۆك كاۋىنى قازانغا سېلىپ، كىچىك ئوتتا داغلايمىز؛ كۆك كاۋىنىڭ تۆت تەرىپى ئازراق ساغارغىچىلىك داغلىساق بولىدۇ.


Step 3
    كۆك كاۋىنى بىر چەتكىراق ئىتتىرىپ قويۇپ، قازانغا ئىككى قوشۇق ئاق شىكەر قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا ئاستاغىنا قورۇپ مالتىلايمىز؛ شىكەر ئىرىپ بولغاندىن كىيىن كۆك كاۋا بىلەن قوشۇپ نەچچە مالىتىلاپ قورۇيمىز.

Step 4
    ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئازراق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ، مالتىلاپ قورۇپ رەڭ كىرگۈزىمىز؛ كەينىدىن قازانغا كۆك كاۋا پۈتۈنلەي چۆككىچىلىك قايناقسۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىۋالغاندىن كىيىن، تۇۋاقنى يېپىپ، ئوتنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا تەڭشەپ 10 مىنۇت قاينىتىمىز.


Step 5
    10 مىنۇت توشقاندىن كىيىن، تۇۋاقنى ئېچىپ، چوڭ ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، قازاندىكى كاۋىنى مالتىلاپ قورۇيمىز؛ جىياڭيۇنىڭ تۇز تەركىبى بولغاچقا، بۇ يەردە قازانغا تۇز قۇيمىساقمۇ بولىدۇ؛ قازاننىڭ سۈيى قايناپ يېرىمغدىن كۆپرەك سۈيى قالغان ۋاقىتتا ئوتنى ئۆچۈرۈپ قاچىغا ئۇسساق بولىدۇ.

Step 6
    قىزارتىپ پىشۇرۇلغان كۆك كاۋىنىڭ تەملىك ھەم يۇمشاق بولۇپ، تاماققا قوشۇپ يىيىشكە ئىنتايىن ماس كىلىدىغان گۆشسىز قورۇمىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号