بۇ تائام ئۈستەلگە چىقسا، باشقا نازۇ-نىمەتلەرنى ئۇنتۇيسىز!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 61425:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە تۇنۇشتۇرىدىغىنىمىز كۈدە كومىلىچى بولۇپ، بۇ خىل تائامنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى، ئەمما تەم ئىنتايىن ياخشى، بىر قېتىم يەپ كۆرسىڭىز، گۆشسىز تائاملارنىڭمۇ بۇنداق يىيىشلىك بولىدىغانلىقىدىن ھەيران قالماي تۇرالمايسىز.
كىتەرلىك ماتىريال
     كۈدە، سەۋزە، تۇخۇم، قوناق كىراخمالى، ئۇن، سامساق
كىتەرلىك تەم-خۇرۇچلار
     ئاقمۇچ، ئاچچىقسۇ، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، مۇچ يېغى، كۈنجۈت يېغى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

كۈدىنى ئۇششاق چاناپ توغراپ، قاچىغا سالىمىز.

سەۋزىنىمۇ ناھايىتى ئۇششاق قىلىپ چاناپ توغراپ، كۈدە سېلىنغان قاچىغا قوشىمىز.

Step 2
كۈدە ۋە سەۋزە سېلىنغان قاچىغا ئىككى تۇخۇم چاقىمىز.

چوڭ بىر قوشۇق ئاق مۇچ، 10 گىرام قوناق كىراخمالى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

كەينىدىن، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ، 100-80 گىرام ئەتراپىدا ئۇن قوشىمىز.

تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قولىمىزدا سىقىپ كۇمىلاچ قىلالىغۇدەك ھالەتكە ئەكىلىمىز.

Step 3
ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان ماتىريالنى قولىمىزدا سىقىپ ئۇۋۇلاپ كۇمىلاچ قىلىپ چىقىمىز.

تەييار قىلغان كۇمىلاچلارنى قاسقانغا سېلىپ 15مىنۇت دۈملەيمىز.

Step 4
بۇ ئارىلىقتا قىيام تەييارلاش ئۈچۈن، بىر قاچىغا ئالدى بىلەن مۇۋاپىق مىقداردا چانالغان سامساق سالىمىز.
     كەينىدىن بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق مۇچ مېيى، بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
Step 5
    كومىلاچنى دۈملەپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىدا تەييار قىلغان قىيامنى قۇيساق، بۈگۈنكى كۈدە كومىلىچى تەييار بولغان بولىدۇ.
Step 6
    بۇ خىل تەييارلانغان قىيامنىڭ تەمى ئازراق ئاچچىق ھەم چۈچۈمەل بولۇپ، كۈدە كومىلىچىنى بۇنداق قىيام بىلەن يىگەندە ناھايىتى تېتىشلىق بولىدۇ؛ قولايلىق ۋاقىتتا سىزمۇ ئىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号