كاۋىنىڭ بۇ خىل يىيىش ئۇسۇلىمۇ ياخشى بولىدىكەن!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 59814:قېتىم كورۇلدى
    كاۋىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنى ئاساسلىق تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقىمۇ ياكى ئۇششاق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە كاۋىنىڭ يەنە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى—قۇرۇتۇپ قورۇلغان كاۋا تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
كىتەرلىك ماتىريال
      كاۋا، سامساق
كىتەرلىك تەم خۇرۇچى
     يىمەكلىك مېيى، تۇز، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شىكەر
 
تەييارلاش ئۇسۇلى

Step 1
كاۋىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.

Step 2
     قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، كاۋىنى سېلىپ كىچىك ئوتتا ئاستا-ئاستا داغلايمىز. ئادەتتە 7-6 مىنۇت ئەتراپىدا، كاۋىنىڭ يۈز قىسىمى قورۇلۇپ يېغىلىشقا باشلىغۇچە داغلىساق بولىدۇ.


Step 3
    كاۋىنى قازاننىڭ بىر يېنىغا تارتىپ دۆۋىلەپ قويۇپ، سامساقنى قازانغا سېلىپ تەمىنى چىقىرىمىز؛ كەينىدىن نەچچە مالتىلىغاندىن كىيىن، ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئازراق لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قۇيىمىز ھەمدە ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ ۋە بىر قوشۇق شىكەر قوشىۋىتىمىز؛ كەينىدىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا توختىماي مالتىلاپ قورۇيمىز؛ بۇ جەرياندا قازاندىكى كاۋىنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىشكە باشلايدىغان بولۇپ، سۈيى تۈگەپ قالاي دىگەندە ئۇسۇپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.


Step 4
    جىياڭيۇ تەركىبىدە تۇز تەمى بولغانلىقتىن، بۇ يەردە تۇز قۇيمىساقمۇ بولىدۇ؛ بۇ خىل كاۋا قورىمىسىنىڭ سىرتقى شەكلى شىكەر قوشۇپ قورۇلغان گۆش قورىمىسىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، تەملىك ھەم ئۇزۇقلۇقى مول كىلىدۇ؛ ئەگەر بوش ۋاقىتلىرىڭىز بولسا، سىزمۇ تەييارلاپ سىناپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号