مايدا داغلانغان گۈمبەمەدەك يەپ باققانمۇسىز؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 74122:قېتىم كورۇلدى
   مايدا داغلانغان گۈمبەمەدەك(موگو) بولسا، ناھايىتى تەملىك بىر خىل يىمەكلىك بولۇپ، ئۇ بىر قارىماققا خۇددى داغلانغان توخۇ قانىتىدەك كۆرىنىدۇ؛ بۇ تائامنى تەييارلاشمۇ ئىنتايىن ئاسان بولۇپ، ئەگەر قولىڭىز ئىتتىك بولسا، 10 مىنۇتتىلا تەييار قىلىپ بولالايسىز.
كىتەرلىك ماتىريال
   گۈمبەمەدەك، ئۇن، كىراخمال
تەم خۇرۇچى
   خاجۇ(五香粉)، تۇز ئارلاشتۇرۇلغان كاۋاۋىچىن سوقمىسى(椒盐)
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1

گۈمبەمەدەكنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كىيىن قولىمىزدا تىتىپ كىچىكرەك ھالەتكە ئەكىلىمىز.


Step 2
   چوڭراق قاچىدىن بىرنى تەييارلاپ، ئۇنىڭغا چوڭراق قوشۇقتا ئالتە قوشۇق ئۇن، ئۈچ قوشۇق كىراخمال قۇيىمىز؛ ئۇن بىلەن كىراخمالنىڭ نىسبىتى ئىككىدە بىر بولىدۇ. كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا خاجۇ (五香粉) ۋە سۇ قۇيۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قىيام تەييارلايمىز.

Step 3
   گۈمبەمەدەكنىڭ يۈزىدىكى سۇلىرىنى پاكىزە قۇرۇتقاندىن كىيىن، ئۇنى قاچىدىكى قىيامغا چىلاپ، گۈمبەمەدەك سىرتقى يۈزلىرىگە قىيامنى تۇلۇق يۇقىتىمىز.

Step 4
   قازاننى ئېسىپ ماي قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن قىيامغا چىلانغان گۈمبەمەدەكنى سېلىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ئىككى مىنۇت داغلىغاندىن كىيىن سۈزۈۋالىمىز؛


Step 5
   سۈزۈۋالغان گۈمبەمەدەكنى ئازراق قويۇپ سۇۋۇتقاندىن كىيىن، ئۇنى يەنە قايتا قازاندىكى مايغا سېلىپ داغلايمىز؛ بۇنىڭدا گۈمبەمەدەك تېخىمۇ چۈرۈك بولىدۇ؛ گۈمبەمەدەكنىڭ يۈزى ئالتۇن سېرىق رەڭگە ئۆزگەرگەندە سۈزۈۋالىمىز.

Step 6
   ئاخىرىدا داغلاپ بولغان گۈمبەمەدەكنىڭ ئۈستىگە تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان كاۋاۋىچىن سوقمىسى سېپىۋەتسەك، بۈگۈنكى تائام تەييار بولغان بولىدۇ.

   بىرىنچى قېتىم داغلىغاندا، قازاندىكى ماينىڭ قىزىقلىقى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئىككىنچى قېتىم قايتا داغلاش لازىم بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسلىنىپ پەمىدۇر قىيامى قوشۇپ يىسەكمۇ بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号