كۆكتات قورىمىلىرى ئوخشىتىپ تەييارلانسا، گۆشنىمۇ ئۇنتۇيسىز!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 73712:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ يەيدىغان پېدىگەن ئاساسلىق ماتىريال قىلىنغان قورۇما—پىدىگەن قەلەمچىسى قورۇمىسىدۇر. پىدىگەننى بۇ خىل ئۇسۇلدا قورۇپ يىگەندە، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول كىلىدىغان بولۇپ، ئادەمگە گۆشتىنمۇ تەملىك بىلىنىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
    پىدىگەن، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، سامساق، غولپىياز
تەم خۇرۇچلىرى
    قۇرۇق كىراخمال، پۇرچاق قىيامى، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ئاچچىقسۇ، ئاق شىكەر، يىمەكلىك مېيى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
Step 1
پىدىگەننىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، توم ھەم ئۇزۇنراق ھالەتتە قەلەمچە شەكىلدە توغرايمىز.

توغرالغان پىدىگەن قەلەمچىلىرى ئۈستىگە بىر قوشۇق قۇرۇق كىراخمال تۆكىمىز.

قولىمىز بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كىراخمالنىڭ پىدىگەن يۈزلىرىگە تۇلۇق يېپىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى يۇمىلاق چەمبەر ھالىتىدە توغراپ، ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.


Step 2
قازانغا ماي قۇيۇپ، يەتتە ئۈلۈش قىزىتقاندىن كىيىن پىدىگەن قەلەمچىسىنى سالىمىز.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ئۈچ مىنۇت ئەتراپىدا داغلايمىز.

پىدىگەن يۈزلىرى ئازراق ئالتۇن سېرىق رەڭگە ئايلانغاندا، پىدىگەن قەلەمچىلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.


Step 3
قازاننىڭ تىگىدە ئازراق ماي قالدۇرۇپ، توغرالغان سامساق ۋە قىزىلمۇچنى سالىمىز.

كىچىك ئوتتا قورۇپ، قىزىلمۇچ يۈزىدىكى سۇ تەركىبىنى پۈتۈنلەي قۇرىتىمىز.

كەينىدىن ئىككى قوشۇق پۇرچاق قىيامى سېلىپ، چۆمۈچ بىلەن قورۇپ قىزىل ماي چىقىرىمىز.


Step 4
بۇ ۋاقىتتا قازانغا ئىككى قوشۇق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ، يېرىم قوشۇق ئاق شىكەر قوشىمىز.

داغلانغان پىدىگەن قەلەمچىسىنى سالىمىز.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتتا ئۆرۈپ قورۇپ، پىدىگەن قەلەمچىسىگە تەم خۇرۇچلىرىنىڭ تەمىنى كىرگۈزىمىز.


Step 5
ئاخىرىدا ئىككى قوشۇق سۇلۇق كىراخمال قوشۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا غولپىياز توغرالمىسى قوشىمىز.

تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئازراق قورىۋالغاندىن كىيىن، ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

Step 6
   بۇ خىل تەمدىكى پىدىگەن قورۇمىسى تەييارلاشتا، ئۇچلۇق قىزىلمۇچنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئۇ ئاچچىقسۇنىڭ تەمى بىلەن ماسلىشىپ، پىدىگەننىڭ تەمىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە سىرتقا چىقىرىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号