پىدىگەننىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، يىسىڭىز ئۇنتىيالمايسىز!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 81400:قېتىم كورۇلدى
    بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تائام، پىدىگەن، يېسى پۇرچاق(豆角) قورىمىسى بولۇپ، پېدىگەن بىلەن يېسى پۇرچاقنى ئاۋۋال مايدا بىر قاتار داغلىۋالغاندىن كىين قورىساق، تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
    پىدىگەن، يېسى پۇرچاق، سامساق
تەم خۇرۇچلىرى:
    يىمەكلىك مېيى، تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، پۇرچاق قىيامى

تەييارلاش ئۇسۇلى
 
 
-Step 1-
پىدىگەننى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئۈچ بۇرجەك ھالەتتە توغرايمىز.

توغراپ بولغاندىن كىيىن چوڭراق قاچىغا سالىمىز.

ئىككى قوشۇق تۇز قوشىمىز.

20 مىنۇت تۇزلاپ، پىدىگەننىڭ سۈيىنى چىقىرىمىز.

بۇ ۋاقىتتا يېسى پۇرچاقنى بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز.


-Step 2-
پىدىگەننى تۇزلاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى قولىمىزدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىمىز، بۇنىڭدا پېدىگەن ماينى ئازراق سۈمۈرىدۇ.


-Step 3-
قازانغا ماي قويۇپ ئوت ياقىمىز؛ ماي 7 ئۈلۈش قىزىغاندا يېسى پۇرچاقنى سېلىپ ئوتتۇرا ھال ئوتتا داغلايمىز.

تەخمىنەن يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا داغلاپ، يېسى پۇرچاقنىڭ يۈزىدە قاپارتما ئۆرلەشكە باشلىغاندا سۈزۈپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.

ماي قايتا قىزىغاندىن كىيىن، پېدىگەننى سالىمىز.

ئوتتۇرا ھال ئوتتا يېرىم مىنۇت داغلايمىز.

داغلاپ بولغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىۋالساق بولىدۇ.


-Step 4-
قازاندا ئىككى قوشۇق ماي قالدۇرۇپ، سامساقنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىمىز.

سامساقنىڭ تەمى چىققاندىن كىيىن، بىر قوشۇق پۇرچاق قىيامى قوشىمىز.

كىچىك ئوتتا قويۇپ، قىزىل ماينى چىقىرىمىز.

كەينىدىنلا داغلانغان پىدىگەن بىلەن يېسى پۇرچاقنى سالىمىز.

چوڭ ئوتتا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.

قازاندىن ئۇسۇشنىڭ ئالدىدا بىر قوشۇق تۇز قوشىمىز.

بىر قوشۇق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز.

ئازراق ئارلاشتۇرۇپ قورۇۋەتكەندىن كىيىن، ئۇسساق بولىدۇ.


-Step 5-
    ئەگەر بەك مايلىق بولۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، مايدا داغلىماي، سۇدا قاينىتىپ ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ئاخىرىدا چوڭ ئوتتا قورىسىڭىز ئوخشاشلا تەملىك قورۇما بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号