يەر ياڭىقى سەدەپ يانقۇلىقى قورۇمىسى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 63463:قېتىم كورۇلدى
  خام ماتېرىيالى : يەر ياڭىقى، سەدەپ يانقۇلىقى (كۇمبىمەدەك) قىزىلمۇچ ،كۆكمۇچ، غولپىياز مايسىسى، سامساق،زەنجىۋىل، كىراخمال.

  تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،توخۇ تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ،قاقمۇچ، ئاق شېكەر.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: سەدەپ يانقۇلىقى، قىزىلمۇچ، كۆكمۇچلارنى يەر ياڭىقى چوڭلىقىدا دانچە قىلىپ توغرىۋالىمىز. غولپىياز مايسىسى، سامساق، زەنجىۋىللەرنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز. 

قازانغا ئۇچ چۇمۇچ سۇ قۇيۇپ سەدەپ يانقۇلىقنى سېلىپ قاينىتىپ ئارقىدىن قىزىلمۇچ ،كۆكمۇچلارنى سېلىپ سۇدىن ئۆتكۈزۈپ سۇزىۋالىمىز.
  قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىغاندا  غولپىياز مايسىسى، سامساق، قاقمۇچ ،زەنجىۋىللەرنى سېلىپ داغلاپ ئۈستىگە يەر ياڭىقى  سۇزىۋېلىنغان ماتېرىياللارنى سېلىپ قورۇپ تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، تېتىتقۇ، ئاق شېكەر سېلىپ ئازراق سۇ قۇيۇپ تەمىنى تېتىپ ھول كىراخمال شىرىسى تېمىتىپ  تەخسىگە ئۇسىمىز.

  ئالاھىدىلىكى:يەر ياڭىقى، موگۇ(كۇمبەدەك)كۆك -قىزىلمۇچلارنىڭ رەڭگى ماسلاشقان تەمى مەزلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يۇمران يېيىشلىك

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号