نىلوپەر قورۇمىسىنى ئاددى ئويلاپ قالماڭ، تاكتىكا كىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 31296:قېتىم كورۇلدى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە قانداق مىززىلىك قورۇما ئېلىپ كەلدۇق؟
   ئەمىلىيەتتە، نىلوپەردىن قورۇلغان بىر خىل قورۇما بولۇپ، تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، مەن كۆپچىلىكتىن بىر مەسىلىنى سوراپ باقماقچى؛ ئىلگىرى سىز نىلوپەر قورىمىسى قورىغان ۋاقتىڭىزدا، رەڭگى ئەسلىدە ئاق بولغان نىلوپەرنى قورۇپ قارا رەڭگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ باققانمۇ سىز؟ شۇنداق، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچراپ باققان؛ ئەسلىدە ئىشتىھانى ئاچىدىغان بىر قورۇما، نەتىجىدە قارا چىقىۋالغاندىن كىيىن، قارىماققىلا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى تۇتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەمىلىيەتتە، نىلوپەرنىڭ قورۇش جەريانىدا بۇ خىل قارىغا ئۆزگىرىۋىلىشىدىكى سەۋەپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە بەزىبىر ئالاھىدە  بولغان خېمىيىلىك ماددىلار بار بولۇپ، قورۇش جەريانىدا بۇ ماددىلاردا رەڭ ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈپ، نىلوپەر قورۇمىسىنىڭ رەڭگىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   بۇ سەۋەپلىك، كۆپچىلىكنىڭ تەملىك ھەم سىرتقى كۆرۈنىشىمۇ كۆزگە يېقىشلىق بولغان نىلوپەر قورۇمىسى ئىستىمال قىلىشى ئۈچۈن، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، كۆپ قېتىملىق تەجىربىلەردىن ئۆتكەن نىلوپەر قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتىريال: نىلوپەر، كۆكمۇچ، زەنجىۋىل، سامساق، لىمون، ئۆيدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرى
تەييارلاش ئۇسۇلى
    ئالدى بىلەن، نىلوپەرنىڭ پوستىنى سويۇۋىتىپ ياپراقچە ھالىتىدە توغرىغاندىن كىيىن، سۇغا چىلاپ قويىمىز ھەمدە ئۈستىگە ئازراق لىمون شەربىتى سىقىمىز؛ لىمون شەربىتى تەركىبىدە، نىلوپەرنىڭ قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ كىتىشىنى توسىدىغان بىر خىل ئالاھىدە ماددا بار، بۇ ھەم نىلوپەر قورىمىسىنىڭ قارا چىقىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى قەدەم.
    ئىككىنچى قەدەمدە، قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتقاندىن كىيىن، نىلوپەر قورىمىسىنىڭ قارا چىقىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق بىر قەدەمنى ئورۇنلايمىز؛ يەنى، قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كىيىن، قازنغا ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتكەندىن كىيىن، ئاندىن توغراپ تەييارلىغان نىلوپەرنى قازانغا سېلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز؛ بىر مىنۇتتىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىپ يەنە سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توغرالغان زەنجىۋىل ۋە سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىنلا توغرالغان كۆكمۇچنى ۋە نىلوپەر ياپراقچىسىنى سېلىپ چوڭ ئوتتا تىز سۈرئەتتە مالتىلاپ قورۇيمىز. ئاخىرىدا، ئازراق ئاچچىقسۇ ۋە تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号