تەييارلاش ئاددى ئەمما ئۆزى يىيىشلىك بولغان ھۇرۇنلار قورۇمىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 32049:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولغىنىمىز، ئىنتايىن ئاددى بولغان گۆشسىز قورۇما بولۇپ، ئىشلىتىدىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرىمۇ كۆپ ئەمەس، ۋاقىت كۆپ كەتمەيدۇ. بۇ قورۇما دۇفۇپى كۈدە قورۇمىسى بولۇپ، ئادەتتە كۈدىنى تۇخۇم بىلەن بىللە قورۇيمىز؛ بىراق، ئەگەر دۇفۇپى بىلەن بىللە قورۇپ يەپ سىناپ باقسىڭىز، ئەمىلىيەتتە تۇخۇم كۈدە قورۇمىسىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى بىلىسىز.
    كىتەرلىك ماتىريال: دۇفۇپى، كۈدە، سامساق، تۇز، ئىستىمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كىتەرلىك ماتىرياللارنى تەييار قىلىۋالىمىز.
   2. كۈدىنى پاكىزە يۇيۇپ توغرايمىز؛
   3. دۇفۇپىنى يۇۋىتىپ، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛
   4. دۇفۇپىنى تېخىمۇ يۇمشاق پىشسۇن دىسىڭىز، ئالدى بىلەن قايناقسۇغا سېلىپ ئىككى مىنۇت قاينىتىۋالىسىز(قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن سۇغۇق سۇدىن ئۆتكۈزمىسەكمۇ بولىدۇ)؛
   5. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ،  چانالغان سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛
   6. دۇفۇپىنى سېلىپ ئىككى مىنۇت قورىغاندىن كىيىن، كۈدىنى سالىمىز؛
   7. تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛
   8. چوڭ ئوتتا نەچچە مالتىلاپ قورۇۋەتكەندىن كىيىن قاچىغا ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号