تەبىئى چىڭمىسۇ دەپ ئاتالغان يىمەكلىك، قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 31536:قېتىم كورۇلدى
   كونىلار، "دورا ئىچكەندىن، يىمەكلىك ئارقىلىق مىزاج تەڭشىگەن ياخشى" دەپ ئېيتقان؛ ھازىرقى ۋاقىتقا كەلگەندىمۇ، يىمەكلىك ئارقىلىق مىزاج تەڭشەش، ھەرقايسى ئۇزۇقلۇق تائاملىرىدىكى نوقتىلىق ئويلىشىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۆيدە تاماق قىلىپ يىگەن ۋاقىتتىمۇ، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئويلاشماق لازىمدۇر.
   بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز چىچەكسەي بولۇپ، ئەگەر ھۆتىلىپ قالغان بولسىڭىز ھەمدە دورا ئىچىشنى خالىمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا چىچەكسەيدە قورۇما قورۇپ يەپ سىناپ بېقىڭ. چىچەكسەي ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچقاندىن باشقا، قاننى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەمدە ھۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا، ئاياللارغىمۇ ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، شوخلا بىلەن قوشۇپ قورۇپ ئىستىمال قىلغاندا، يەنە بىر چىراي گۈزەل لەشتۈرۈش تائامى تەييار بولىدۇ. بىراق شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىككى، يىمەكلىك ئارقىلىق مىزاج تەڭشەشتە، بىر قېتىم ئىستىمال قىلىپلا ئۈنۈم كۆرگىلى بولمايدۇ، مۇھىمى دائىم ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كىرەك.

شوخلا تەملىك چىچەكسەي قورۇمىسى تەييارلاش ئۇسۇلى
   كىتەرلىك ماتىريال: چىچەكسەي، شوخلا، ئىستىمال مېيى، تۇز
تەييارلاش باسقۇچلىرى
   1. يىمەكلىك ماتىرياللىرىنىڭ ئۈستىگە ئازراق تۇز سېپىپ، 10مىنۇت قويۇپ قويىمىز؛
   2. كەينىدىن شوخلىنى يۇۋىتىپ، يۈز قىسمىنى قوشۇش شەكلىدە تىلىۋىتىپ، قايناقسۇغا بىر باسىمىز؛
   3. شوخلىنى قايناقسۇغا بېسىپ بولغاندىن كىيىن، سىرتقى پوستىنى سويىۋىتىپ، كىچىك بۇرجەكلىك پارچە قىلىپ توغرايمىز؛
   4. قازاندا سۇ ئېسىپ، بىر گىرام يىمەكلىك ماي، ئازراق تۇز قوشقاندىن كىيىن، چىچەكسەينى سېلىپ بىر قاينىتىۋالىمىز؛
   5. قازاننى باشقا ئېسىپ، مۇۋاپىق مىقداردا يىمەكلىك مېيى قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، توغرالغان شوخلىنى سېلىپ قورۇيمىز؛
   6. شوخلىنى قورۇپ شەربىتىنى چىقىرىمىز؛
   7. كەينىدىن چىچەكسەينى سېلىپ نەچچە قورۇپ، ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئىشلىتىلگەن ماتىرياللارنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ھەققىدە
   1. شوخلىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنCنىڭ مىقدارى، تاۋۇزنىڭ تەخمىنەن 10ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورگانىك كىسلاتالارنىڭ قوغدىشى بار بولغاچقا، ساقلاش ۋە پىشۇرۇش جەريانىدا، شوخلا تەركىبىدىكى ۋىيتامىنC ئاسانلىقچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈش ۋە ئىشلىتىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
   2. چىچەكسەينىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنتايىن تولۇق بولۇپ، ئاساسلىقى ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ، مىنرالنى ئىلمىنتلار، ۋىيتامىنC ۋە كاروتىن قاتارلىقلار بار. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، چىچەكسەي تەركىبىدىكى مىنرالنى ئىلمىنتلار، باشقا كۆكتات تۈرلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ تولۇق بولۇپ، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي، سىنىك، مانگان قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول.

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

يېسى پۇرچاق بىلەن تۇخۇمنى قورۇپ يىسڭىز جىگەرنى تازىلايدۇ

بۇ خىل قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىپ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشىن

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

ئاياللار ھەمىشە ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك قورۇما

بۈگۈن كۆپچىىكنىڭ دىققىتىگە، 10مىنۇتتىلا تەييارلاشقا بولىدىغان سەي كاۋىسى قورىمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ياز كۈنىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇقلىتىش يىمەكلىكى

ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بىر ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمىلىيەتتە، ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ھالقا، "ئ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号