يۈزىڭىزدىكى داغ سەپكۈنلەرنى قانداق يوقىتىسىز؟ بۇ كۆكتاتنى يەيسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 32409:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىر ئېلىكتۇرونلۇق مەھسۇلاتلار ناھايىتى كۆپىيىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىلىكتۇرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ رادىئاتسىيە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ بۇنىڭغا ناچار يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، كىچىسى ئۇخلىماسلىق قاتارلىق ئادەتلەر قوشۇلۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تىرىسى ناچارلىشىپ، يۈزىدە دانىخورەك ۋە داغ سەپكۈنلەر پەيدا بولىدۇ، تىرە رەڭگىمۇ سارغىيىپ ئۆڭۈپ كىتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى، يۈز چاپلاق چاپلاش ياكى گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلىتىش بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ؛ چوقۇم يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىن قول تىقىپ، ئىچكى قىسىمدىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىش لازىم، بۇنىڭدا مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا بولىدۇ. يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە مايسىزران بولۇش، تۆۋەن ياغ تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ ئادەتلىنىش كىرەك. بۇنىڭدا، ئاشقازان-ئۈچەيدە ئەخلەت ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغاندا، بەدەن يىنىكلەپ قالىدۇ، تىرىمۇ تەبىئىيلا ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بىنەپشە ياڭيۇمۇ، دەل مۇشۇ تۈردىكى يىمەكلىكتۇر.
   ياڭيۇ، تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھەمىشە كۆپچىلىكنىڭ تاماق جوزىسىدا كۆرگىلى بولىدۇ؛ ئەمما، بىنەپشە رەڭلىك ياڭيۇنى كۆرگەن كىشىلەر مىنىڭچە كۆپ ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر بىنەپشە رەڭلىك ياڭيۇنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇنى رەڭ ماددىسى قوشۇپ مۇددەتتىن بۇرۇن يىتىلدۈرگەن دەپ قارىشى مۇمكىن؛ بىراق ئەمىلىيەتتە، تۇرمۇشتا بىنەپشە ياڭيۇ بۇ خىل سورت، ھەقىقەتەن مەۋجۇت.  بىنەپشە ياڭيۇنىڭ رەڭگى بىنەپشە رەڭدە، تەمى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، دۈملەپ ياكى قورۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بولسا، گۆشسىز قورۇلغان بىنەپشە ياڭيۇ قورىمىسى تۇنۇشتۇرىمىز.
تەييارلاش ئۇسۇلى
كىتەرلىك ماتىريال
   بىنەپشە ياڭيۇ، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، سامساق، ئىستىمال مېيى، ئاچچىقسۇ
   بىرىنچى قەدەمدە، ئالدى بىلەن بىنەپشە ياڭيۇنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كىيىن قەلەمچە قىلىپ توغراپ تەييارلاپ، سۇدا نەچچە قېتىم يۇيۇۋەتكەندىن كىيىن، تەخسىگە ئېلىپ قويىمىز؛ كەينىدىن سامساقنى ئاقلاپ چاناپ توغراپ تەييار قىلىمىز.
  ئىككىنچى قەدەمدە، قازانغا ماي قۇيۇپ، ماي 8-7ئۈلۈش قىزىغاندىن كىيىن، ئاۋال سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن بىنەپشە ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سېلىپ، يۇقىرى ئوتتا ئىككى ئۈچ مىنۇت قورۇيمىز؛ ياڭيۇ پىشىپ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كىيىن، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز؛ ئاخىرىدا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ قورۇپ تەمىنى چىقارغاندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
بىنەپشە ياڭيۇنىڭ ئىستىمال قىممىتى
    بىنەپشە ياڭيۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى مول بولۇپ، ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ناھايىتى كۈچلۈك تويۇنۇش تۇيغۇسى بىرىدۇ؛ قوساق ئاچلىق تۇيغۇسىنى يوقىتىش بىلەن بىرگە، باشقا يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ. بىنەپشە ياڭيۇنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، چوڭ ئۈچەينىڭ غىدىقلاپ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىمەكلىكنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئۇنىڭ بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ماي تەركىبلىرىنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بىنەپشە ياڭيۇ تەركىبىدىكى سىئانىن، ۋىيتامىنC، ۋىيتامىنE قاتارلىق ماددىلار، قېرىپ كىتىشكە قارشى تۇرۇش رولىنى ئويناپ، يۈزدىكى داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تىرە ئاقارتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号