قوسىقىڭىزدىكى ماينىڭ تەبىئى دۈشمىنى، يىيىشكە پېتىنالامسىز؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 32562:ئادەم ئۆگەندى
   ياز پەسلى، كاۋا چۈشىدىغان مەزگىل بولۇپ، ھويلىغا تىكىلگەن كاۋىلار بارغانسىرى يوغىناپ، پىلەكلىرى ھويلىنى بىر ئالدى. كىچىك ۋاقتىمىزدا، تاتلىق كاۋا پىشۇرۇپ يىيىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتۇق؛ ئۆيدىكى چوڭلار بولسا، كاۋىنىڭ پىلىكىنى قورۇپ يەيتتى. ئۇ ۋاقىتتا، كاۋىنىڭ پىلىكى قارىماققا بىر خىل تۈكلۈك، كۆرۈمسىز كۆرىنىدىغان بولغاچقا، مەن پەقەت يىگىلى ئۇنىمايتتىم. بىراق چوڭ بولغاندىن كىيىن، كاۋا پىلىكىنىڭ پايدىلىقىنى ھەقىقى ھىس قىلىپ يەتتىم. ئەمىلىيەتتە، ھازىر كاۋا پىلىكىنى كۆكتات بازارلىرىدىمۇ ساتىدىغان بولۇپ، سىرتىدىكى بىر قەۋەپ پوستىنى سويىۋىتىپ ۋە چوڭراق ياپراقلىرىنى ئۈزۈپ ئېلىۋىتىپ، قالغان يۇمران غول ۋە ياپراقچىلىرىنى قورۇپ يىسەك، تەمى ئۆزگىچە، ئۇزۇقلۇقى مول بىر خىل تائام بولۇپ چىقىدۇ.
   كاۋا پىلىكىنىڭ ئۈچەي تازىلىغۇچى دىگەن نامى بار بولۇپ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش ۋە قەۋزىيەتنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئۈنۈمى ياخشى، ئادەمنىڭ ئۈچەي ئاشقازاندا يېغىلىپ قالغان ماي تەركىبلىرىنى تازىلاپ، قەۋزىيەتنى ۋە ئېغىزدا غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇپ قېلىشنى ياخشىلايدۇ. ئەگەر سېمىز كىشىلەر بۇ قورىمىنى داۋاملىق يەپ بەرسە، بارغانسىرى ئۇرۇقلاپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، كاۋا پىلىكىنىڭ يەنە، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاش، تىرە رىئاكسىيە قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولىمۇ بار.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   كىتەرلىك ماتىريال:  كاۋا پىلىكى، سامساق، تۇز
   ئالدى بىلەن، كاۋا پىلىكىنىڭ سىرتقى بىر قەۋەت پوستىنى سويىۋىتىپ ۋە چوڭراق ياپراقلىرىنى ئېلىۋىتىپ، يۇمران غول قىسمى بىلەن يۇمران ياپرىقىنى قالدۇرغاندىن كىيىن، قولىمىزدىلا سۇندۇرۇپ بۆلەك ھالىتىگە ئەكىلىۋالىمىز ھەمدە پاكىزە يۇيۇمىز؛
    قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز
   كاۋا پىلىكىنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا قورۇيمىز؛ قورىغان ۋاقىتتا، كاۋا پىلىكىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ ئۇچۇق يىشىل رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ؛ كاۋا پىلىكى يۇمشاپ سۈيى چىققۇچە ئىزچىل تۈردە قورۇيمىز.
   ئاخىرىدا ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كىيىن، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ؛
   بۇ خىل ئۇسۇلدا قورۇلغان كاۋا پىلىكى، چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ھەممەيلەنگە ماس كىلىدىغان بولۇپ، ئىشىنىمەنكى، يەپ باققان دوستلارنىڭ ھەممىسى بۇ قورىمىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

ئاق قارا رەڭلىك پىچەكگۈل قورىمىسى

گۆش-كاۋاپلارنى يەپ كۆنۈپ قالغىنىڭىزدا، تۇيۇقسىزلا، ئاق قارىسى ئىنىق ئايرىلىپ كەلگەن ھەمدە كۆك يىشىل رەڭلەرمۇ قوشۇلغان، ئەمما تامغىقىڭ

پىياز بىلەن پېدىگەننى بىللە قورىسىڭىزمۇ ئوخشاپ قويىدۇ

پىدىگەن بىلەن پىيازنى قوشۇپ قورۇما تەييارلىغاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، جىگەرن

پىيازنىڭ پايدىسى كۆپ، ئىستىمال ئۇسۇلىمۇ ئاز ئەمەس

پىياز ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ھەم ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى. پىيازنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىشتىھانى

كۈدىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى، بىللە قۇرۇپ يىسڭىز بەدەنگە پايدىلىق

تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان يىمەكلىكلەر، تەبىئى "تىرە ئاسراش" بۇيۇملىرى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، تىرىنىڭ قېرىپ كىتىشىنى ئاستىلىتىپلا قا

خۇپى لازىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى

مەن ئۆزۈم ئادەتتە نىسبەتەن ئاددىراق بولغان قورۇمىلارنى ياخشى كۆرىمەن، چۈنكى بۇ بۇ خىل ئاددى قورىمىلارمۇ، ماڭا باشقىچە تەملىك بىلىنىدۇ.

كۆكمۇچ بىلەن تاغ موگوسىنى قورۇپ يەپ بېقىڭ، كىسەل بولمايسىز

تاغ موگوسى ئادەتتە ئاق موگو دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال زەمبۇرۇغ تۈرىنىڭ بىرخىلى؛ ئۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号